2008.03.06
خىتاي ھۆكۈمىتى 2007 – يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ھەمدە بىر ئوبلاستىكى ئاز سانلىق مىللەت دېھقان ئائىلىسىدىن ھەر يىلدا بىر ئەمگەك كۈچىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى بېكىتكەن ئىدى، شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى بۇ سىياسىتىگە » قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى» دەپ نام بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلان بۇيىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا ھەر يىلى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى بىر مىليون ئادەم - قېتىمغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى بېكىتكەن.
يەنىلا جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست مەركەز قىلىنماقتا
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ يانۋاردا ئاچقان » قۇياش نۇرى قۇرۇلۇشى » خىزمەت يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇلتۇر بىر يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە سىرتلارغا يۆتكەلگەن ئىشلەمچىلەر ئەسلىدىكى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم - قېتىمدىن ئاشۇرۇلۇپ بىر مىليون 500 مىڭ ئادەم - قېتىمغا يېقىنلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە بىۋاستە شەندۇڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ ئۆلكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەنلەر 126مىڭ ئالتە يۈز بولۇپ، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ھەمدە قىزىلسۇنىڭ يېزىلىرىدىن سىرتقا يۆتكەلگەنلەر 774مىڭ ئىككى يۈز ئادەم - قېتىمغا يەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى2008 – يىلىمۇ سىرتقا يۆتكەيدىغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى سانىنى يەنە بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم -قېتىمغا يەتكۈزمەكچى بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ چىڭداۋ، تيەنجىن، يەنتەي قاتارلىق جايلىرىدىكى زاۋۇتلىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ھەمدە بىر ئوبلاستنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئىشلەمچى يۆتكەش ئۈچۈن جىددىي توختاملار تۈزۈۋاتقان ئىكەن.
يىراق يېزىلاردىن ئۇچۇرلار
بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم يېزىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ باقايلى: قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيىسىدىن بۇلتۇر 6105 ئادەم سىرتلارغا ئىشلەمچىلىككە بارغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىۋاستە خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك توختام بىلەن ئىشلەمچىلىككە بارغانلار 18 ياش ئەتراپىدىكى 124 نەپەر قىزلار ئىكەن. بۇ ناھىيە بۇ يىل يەنە 8000 دېھقان ئەمگەك كۈچىنى سىرتلارغا يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراش ئىكەن.
ئاقتۇ ناھىيىسىدىن بۇلتۇر بىر يىلدا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان دېھقان ئەمگەك كۈچلىرى 37 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، بۇ يىل يەرلىك دائىرىلەر سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئەللىك مىڭغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ،بۇ يىل كىرىپ 2 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئالتىنچى تۈركۈمدە 61 نەپەر دېھقان سىرتلارغا ئىشلەمچىلىككە يۆتكەلگەن. بۇلارنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ئۇيغۇر ھەم قىرغىز مىللىتىدىن بولغان ئاياللار تەشكىل قىلىدىكەن.
توققۇزاق ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2 – ئاينىڭ 6 – كۈنى مەزكۇر ناھىيىدىن 63 نەپەر قىز چىڭداۋ ۋە تىيەنجىندىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىغا يولغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇلار بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەزكۇر ناھىيىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىلگەن ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئىشلەمچىلەر ھېسابلىنىدىكەن.
ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى سان توشقۇزۇش بىلەن ئالدىراش
مۇشۇلارغا ئوخشاش نۆۋەتتە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر ئائىلىدىن يىلدا بىرنى يۆتكەش سىياسىتى بۇيىچە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلىرىنى بولۇپمۇ ياش قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەش ئۈچۈن سان توشقۇزۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، بۇ ھەقتە توققۇزاق ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش ئىشلىرىنى قىلىۋاتقان بىر خىتاي كادىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىنىڭ يېزىلاردىن ئىشلەمچىلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توققۇزاق ناھىيىسى 2005 – يىلىدىن باشلاپ ھەر قايسى يېزىلاردىن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ ناھىيىدىن بۇلتۇر بىر يىلدىلا سىرتلارغا يۆتكەلگەن ئۇيغۇر دېھقان ياشلىرىنىڭ سانى يەتمىش ئىككى مىڭ ئادەم - قېتىمغا يەتكەن ئىكەن. ئۇ يەنە، 2008 – يىللىق ئەمگەك كۈچىنى سىرتلارغا يۆتكەش ئىشلىرىنىڭ خېلى بۇرۇنلا باشلانغانلىقىنى، ھازىرغىچە بىر قانچە تۈركۈم ئىشلەمچىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكىنى، تيەنجىن، جېجياڭ قاتارلىق جايلارغا بارغانلارنىڭ كۆپرەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت كادىرلىرى يۇقىرىنىڭ تاپشۇرۇقى شۇنداقلا خىتاي زاۋۇتلىرىنىڭ ئادەم ئېلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئىشلەمچىلەرنى تىزىملاش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىكەن. بىز ئۇنىڭدىن يۆتكىلىۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ قانچە نىسبىتىنى قىزلار ئىگىلەيدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ جەھەتتىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جاۋاب بېرىشنى توختاتتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى، نامرات دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ياخشى تەدبىر دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش جەريانىدا مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىشى، شۇنداقلا ئىشلەمچىلىككە ئاپىرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مائاش ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۇيغۇرلاردا نارازىلىق پەيدا قىلىپ، ھەتتا نارازىلىق نامايىشلارغا سەۋەب بولغان مىللىي ھەم سىياسىي مەسىلىگە ئايلانغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىش پۇرسەتلىرى بار شارائىتتا، ئىستراتېگىيىلىك سىياسەت سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىنى بولۇپمۇ توي ھەم تۇغۇت يېشىدىكى قىزلارنى تۈركۈملەپ ئېتنىك رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىشى خەلقئارا جامائەتتىمۇ بارغانچە كۆزگە چېلىقىۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق ھەر جەھەتكە چېتىلىدىغان مۇرەككەپ بىر مەسىلىگە ئايلاندى. (گۈلچېھرە)