2008.03.05

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلان بۇيىچە يولغا قويۇۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بۇيىچە، 2008 ‏- يىللىق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش ھەرىكىتى خوتەن ھەم قەشقەرنىڭ ناھىيىلىرىدىن تەشكىللەنگەن 600 نەپەردىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشنىڭ 3 – مارت كۈنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىنىشى بىلەن يەنە باشلاندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بۇيىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزىلارنى ئاساس قىلىپ، ھەر قايسى جايلاردىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان يېزا ئەمگەك كۈچلىرى سانىنى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزىدىكەن. نۆۋەتتە ھەر قايسى يېزا ‏- كەنتلەردە قىزلارنى ئاساس قىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە تىزىملاش ھەم يولغا سېلىش ئىشلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

بۇ يىللىق پىلان يەنە بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم ‏- قېتىم

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك مۇلازىمەت دائىرىلىرى 2005 – يىلىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش دېگەن باھانە بىلەن ئۇيغۇر ئېلى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى رەسمىي يۈرگۈزۈشكە باشلىغان ئىدى. 2005 – يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 486 مىڭ ئادەم ‏- قېتىم بولغان بولسا، 2006 – يىلىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلدا بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم ‏- قېتىملاپ سىرتلارغا يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلمەكتە. 2007 – يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە سىرتلارغا يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ھەتتا پىلاندىنمۇ ئاشۇرۇلغان بولۇپ بىر مىليون 448 مىڭ 500 ئادەم ‏- قېتىمغا يەتكەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2008 – يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلارنى يەنە بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم ‏- قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى مەخسۇس خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىكەن، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4 – مارتتىكى خەۋىرىدىن خوتەندىن تەشكىللەنگەن 400 گە يېقىن ئۇيغۇر ياشنىڭ 3 – مارت كۈنى كەچتە پويىز بىلەن خىتاينىڭ چىڭداۋ، يەنتەي قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يولغا سېلىنىشى بىلەن بۇ يىللىق ئىشلەمچى يۆتكەش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

سىنا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ كۈنى يەنە كېرىيە ھەمدە توققۇزاق ناھىيلىرىدىنلا جەمئىي 600 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ماڭغان.

يەنە يۈزلىگەن كېرىيە قىزلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يولغا سېلىندى

كېرىيە مەھكىمە تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل ئىككىنچى ئايدىن باشلاپ بۇ ناھىيىدىن نىمكار ئىشلەش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلەر 665 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن گۇاڭدۇڭ ھەم شەندۇڭنىڭ كىيىم – كېچەك ۋە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىغا يولغا سېلىنغان. ئەمما، خەۋەرلەردە يەنىلا زاۋۇتلارنىڭ ئېنىق نامى ھەم ئادرېسلىرى مەلۇم قىلىنمىغان.

بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كېرىيە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق، ناھىيىنىڭ ئىشلەمچىلەرنى يۆتكەش ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر خىتاي كادىر، كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە بۇ يىللىق نىمكار ئىشلىگۈچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ خېلى بۇرۇنلا باشلانغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ: » بىزدىن ھازىرغا قەدەر نەچچە تۈركۈم كېتىپ بولدى، بىرىنچى تۈركۈمدە يۈز نەپەر، ئىككىنچىسىدە بەش يۈز نەپەر ماڭدى.» ئۇ يەنە، ئاز سانلىق مىللەت دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلارغا يۆتكەۋاتقانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئىچىدە قىزلارنىڭ ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كېرىيىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ خىتاي زاۋۇتلىرى بىلەن ئىش توختامى تۈزگەندە ھۆكۈمەت ۋاكالەتلىك قىلىدىكەن، زاۋۇتقا ئىشلەمچىلىككە بارغۇچىلارنىڭ ئىش ھەققى بىر مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بۇ يىل خىتاي ئۆلكىلىرىگىلا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئىشلەمچى ئەۋەتىشنى پىلان قىلىۋاتقان ئىكەن.

خىتاي زاۋۇتلىرى قىزلارغىلا ئېھتىياجلىقمۇ؟

قەشقەر مەھكىمە تورىدا يېقىندا بېرىلىۋاتقان خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەرنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرىمۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچى يۆتكەش ئىشلىرىنى بەس ‏- بەستە باشلىغان بولۇپ، ئىلگىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن قەشقەردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ئاساسلىق سالمىقىنى 18 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلار ئىگىلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىز بۇ يىللىق يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ئىشلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە يەنىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن توققۇزاق ناھىيىسى ئاققاش يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بىر ئۇيغۇر كادىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «خىتاي زاۋۇتلىرىدا ئوغۇللارغا مۇۋاپىق ئىش يوق، شۇڭا قىزلارنى يۆتكەۋاتىمىز» دېدى.

يۈز مىڭلىغان خىتاي ئاققۇنى ئۇيغۇر ئېلىگە قاراپ يولغا چىقتى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەش سىياسىتى بۇيىچە، ھۆكۈمەت بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ ھەمدە قىزىلسۇدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئاساس قىلىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، 2007 – يىلى مۇشۇ جايلاردىن يۆتكەلگەن ئەمگەك كۈچلىرى 774مىڭ ئىككى يۈز ئادەم ‏- قېتىمغا يەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بۇ رايونلاردىكى نامراتلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلارنىڭ %85 ىدىن يۇقىرى نىسبىتىنى ئىگىلەيدىكەن.

گەرچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر نامرات يېزىلىرىدىن دېھقانلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە نىمكار ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇشنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ياخشى تەدبىر دەپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پاش بولغان مەلۇمات ھەم ئىنكاسلاردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئاپىرىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەرزان ئىش ھەققى بىلەن 10 سائەتتىن ئارتۇق ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىردەك «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىشى بىر تەرەپتىن ئىرقىي ئاسسىمىلىياتسىيە غەرىزى يوشۇرۇنغان سىياسەت بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى ئەرزان قۇل قىلىۋاتقان قەبىھ سىياسەت، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باي قىلىش ئارزۇسى بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئاققۇنلىرىغا بېرىلگەن ئىش پۇرسەتلىرىنى شۇ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىغا بەرمەيدۇ؟ » دېگەندەك سوئاللارنى قويۇپ نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

ئەجەبلىنەرلىك يېرى شۇكى، ئۇيغۇر ياشلىرى تۈركۈملەپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى زاۋۇتلارغا يۆتكىلىۋاتقان بىر پەيىتتە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىش ئىزدەپ كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى بارغانچە كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈچىنچى ئاي كىرىشى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن پويىز ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىۋاتقان خىتاي ئىشلەمچىلەر شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، يولۇچىلارنىڭ %80 ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. ئۇيغۇر ئېلى تۆمۈر يول قاتنىشى دائىرىلىرى -3مارتتىن باشلاپ كېلەر ئاينىڭ 12سىگە قەدەر، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن مەخسۇس ئىش ئىزلەپ كېلىدىغان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ 800 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە ئىكەن. (گۈلچېھرە)