2008.03.05

كەلپىن ناھىيىسى » ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشتىكى ئۈلگىلىك ناھىيە» شەرىپىگە ئېرىشكەن بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇلتۇر مەزكۈر ناھىيە بۇيىچە 10 مىڭ بىر يۈز ئادەم ‏- قېتىم ئېشىنچا ئەمگەكچى سىرتقا چىقىرىلغان. بىز كەلپىن ناھىيىسىدىن ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش مەسىلىسى ئۈستىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق ھەمدە بۇ جەرياندا ناھىيىدە ناماز ئوقۇغان بىر قىسىم ياشلارنىڭ قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى دېگەن نام بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى نامراتلىقنى يوقىتىشتىكى توغرا سىياسەت دەپ تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، مەزكۈر سىياسىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

بىراق، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى، بولۇپمۇ ياش قىز – چوكانلارنى ئاساس قىلغان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بولۇپمۇ تۇرمۇش ئادىتى، دىنىي ھەتتا تىلى باشقا خىتاي مىللىتى ئارىسىغا قوشۇۋېتىش، ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەمەس، بەلكى ئەر ‏- ئايال نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان خىتاي نوپۇسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت دېيىشمەكتە.

يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئەلۋەتتە ئىشسىزلارنى ئىش ئىمكانى بىلەن تەمىنلەشتەك بىر سىياسەت، لېكىن بىز نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىگە قارشى چىقىمىز ؟ بىزنىڭ بۇنىڭغا قارشى چىقىشىمىزدىكى تۈپ سەۋەب، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپلەپ يۆتكەش ئارقىلىق، ئەسلى نوپۇسنىڭ كۆپ سالمىقىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىق نىسبەتكە چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇر تىلىنى بۇ رايوندا ئىشلەنمەس ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنى بولۇپمۇ ياش قىزلىرىمىزنى ئۆز يۇرتىدىن، ئاتا ‏- ئانىسىدىن ئايرىپ ئېلىپ كېتىشى، ئەلۋەتتە ئوچۇق ‏- ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خورلاش سىياسىتىدىن ئىبارەت دېيىشمەكتە.

خىتاينىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش سىياسىتىگە قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ئۇيغۇر ئىلى بۇيىچە، » ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشتا ئۈلگىلىك ناھىيە » دەپ باھالانغان كەلپىن ناھىيىسى، بۇلتۇر 10 مىڭ بىر يۈز ئادەم ‏- قېتىم، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە چىقارغان. نوپۇسى 40 مىڭدىن ئارتۇق كەلپىن ناھىيىسىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ‏- قېتىم ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ كېتىش، يەنىلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك غۇل – غۇلا پەيدا قىلماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى، نامرات دېھقانلارنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش دېگەنگە ئوخشاش چىرايلىق شۇئارلارنىڭ ئاستىغا غەرەزلىك مەقسەتلەر يوشۇرۇنغان دەپ كۆرسىتىدۇ.

خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرىنىڭ » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش » سىياسىتىنى خەلقنىڭ قوللىشىغا، ھىمايىسىگە ئېرىشمەكتە دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە، ھەقىقەتەن مەزكۈر سىياسەت خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتىمۇ ؟

ئۆزى ياشاۋاتقان يېزىدا نۇرغۇن ياش قىز ‏- چوكانلارنىڭ تۈركۈم – تۈركۈملەپ خىتاي شەھەرلىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇر دېھقان، » ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يۆتكەش » سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. كەلپىن ناھىيىسىدىكى بىر دېھقاننىڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكىدىن قانچىلىك دەرىجىدە مەھرۇم قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىزگە ئېيتقان سۆزلىرىدىن ئېنىق ھېس قىلالايمىز.

كەلپىن ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنى تېلېفۇن ئارقىلىق زىيارەت قىلىش جەريانىدا، بىز مەزكۈر ناھىيىدە يەنە، ناماز ئوقۇغان ياشلارنىڭ، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن باھانە بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز 6 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان قامىلىپ يېتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق. (ئەقىدە)