خىتاينىڭ « شىنجاڭ گېزىتى » تورىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ۋۇخەندىن 166 توننا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ماددىي ئەشيالىرى قاچىلانغان جۇڭگو – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ۋۇخەن) « X8015 قېتىملىق پويىز » ئالاتاۋ پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، ياۋروپادىكى دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان. بۇ، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان ۋۇخەندىن يولغا چىققان تۇنجى خىتاي – ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىكەن. ئاخىرقى نۇقتىسى گېرمانىيەدىكى دۇيسبۇرگ بولۇپ، 12 كۈندىن كېيىن گېرمانىيەنىڭ دۇيسبۇرگقا يېتىپ بارىدىكەن.
بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پويىزغا بېسىلغان %90كە يېقىن مال ۋۇخەندىكى يەرلىك كارخانىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان، جەمئىي 50 ۋاگون 100 ئۆلچەملىك ساندۇق بولۇپ، مال ئېغىرلىقى 408 توننا، قىممىتى 3 مىليون 920 مىڭ دوللار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىدىغان داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان توقۇلمىسىز رەخت، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈستەل رەختى قاتارلىق يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بۇيۇملىرى بولۇپ، جەمئىي 19 كونتېينېر، ئومۇمىي ئېغىرلىقى 166.4 توننا، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار، خەۋەرلىشىش ئوپتىك تالاسى ۋە ۋېنگىرىيە – سېربىيە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالار بار ئىكەن.
يېقىننىڭ بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، چېخىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلغان ماسكا ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سۈپىتىدىن ئېغىر دەرىجىدە مەسىلە كۆرۈلگەن. يۇقىرىقى دۆلەتلەر مەزكۇر مەھسۇلاتلارغا قارىتا دەرھال تەدبىر ئېلىشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، گوللاندىيە ئاممىۋى نەشر قۇرلىشى (NOS) نىڭ تورىدا ئېيتىلىشىچە، گوللاندىيە تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق مىنىستىرلىقى خىتايدىن ماسكا ئېكسپورتىنى توختاتقان ۋە تارقىتىلغان 600 مىڭ ماسكىنىڭ يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ سۈپەتسىز مەھسۇلاتلىرى خەلقئارا جامائەتنىڭ غەزىپىنى قوزغاشقا باشلىغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ۋىرۇس بايقالغان ۋۇخەندە ئىشلەپچىقىرىلغان سەھىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارادىكى خۇنۇكلەشكەن ئوبرازىنى تۈزەشتە يوق ، ئەكسىچە سۈپەتسىز تېببىي مەھسۇلاتلار سەۋەبلىك خەلقئارادىكى خۇنۇكلەشكەن ئوبرازىنىڭ تېخىمۇ ناچارلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.