شەرقىي تۈركىستاندا پۇقرالارنىڭ ماسكا تاقىماي تالاغا چىقىشى چەكلەنسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر سودا ۋە ساياھەتنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلماقتا.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە رايوندا كىنوخانىلارنىڭ ئېچىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ «زور تەۋەككۈلچىلىك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. لېكىن بۇ ھەپتە دائىرىلەر رايوندا سودا نۇقتىلىرىنىڭ ئېچىلىپ، ساياھەتنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى، ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ قايتا «قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكى» نى ئىلگىرى سۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، نۆۋەتتە ساياھەتچىلەرنىڭ مۇھىم سودا قىلىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى چوڭ بازار ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلىپ، «نەغمە-ناۋا» ۋە قايتا «قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن.»
لېكىن ماسكا تاقاپ، «نەغمە-ناۋا» قىلىۋاتقان پۇقرالارنىڭ قانچىسىنىڭ ساياھەتچى، قانچىسىنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان «نەغمە-ناۋاچىلار» ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ھەر قايسى ناھىيەلەردە يەرلىك دائىرىلەر پۇقرالارنى چېچەك بايراملىرىغا تەشكىللەپ، ۋىرۇسنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى، ساياھەتنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى نامايان قىلىشقا تىرىشماقتىكەن.
بۈگۈر ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۆرۈك چېچىكى» بايرىمى ئەنە شۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ بىرى. خىتايدىكى «جۇڭگو خەۋەرلىرى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېچەك بايرىمى بۈگۈردىكى 6000 مولۇق بىر ئۆرۈكلۈك باغدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىدارە-جەمئىيەتلەر سەپەرۋەر قىلىنغانلىقى مەلۇم.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر كورونا ۋىرۇسىنىڭ كونترول قىلىنىپ، رايوندا ۋەزىيەتنىڭ نورمال ئەھۋالغا قايتقانلىقىنى نامايان قىلىشقا تىرىشسىمۇ، لېكىن كىشىلەرنى سىياسىي ۋەزىيەت ھەم كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋەھىمىسى چۇلغىۋالغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە رايوندا كىشىلەرنىڭ ماسكا تاقاپ يۈرۈشى، ئاممىۋى سورۇنلاردا بەدەن تەمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ يەنىلا يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى، كىشىلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلغاندا يېرىم مېتىر ئارىلىق ساقلىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى