2008.02.07

مەتتايىر ھەسەننىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىشكەكتىكى ئۇيغۇر جامائىتى يېقىندا بىر مەشرەپ پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاتاقلىق مۇقامچىنىڭ ئىجادىي ھاياتى ئەسلىنىپ ئۆتۈلگەن.

مەتتايىر ھەسەن 60-يىللاردا ئۆزبېكىستاندىكى ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسۇل ئانسامبىلىدا مۇقام ئېيتقان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ ساقلىنىشى، رەتلىنىشىدە زور خىزمەت كۆرسىتىپلا قالماستىن بەلكى يېڭى مۇقامچىلارنى تەربىيىلەشكىمۇ ھەسسە قوشقان ئىدى.

تۆۋەندە تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئۇچۇرىنى ئاڭلايسىلەر.