2008.01.27
قىرغىزىستاننىڭ «24 سائەت» دەپ ئاتالغان خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش، جالال ئاباد، باتكەن قاتارلىق ئوبلاستلىرىدا كىشىلەرنىڭ رۇسىيىگە بېرىپ ئىشلەش ئۈچۈن پاسپورتلىرىدىكى فامىلىلىرىنى رۇسچىلاشتۇرىۋاتقانلىقى، يەنى، بۇرۇنقى «قىزى» ۋە ئوغلى» دېگەندەك قوشۇمچىلارنى قالدۇرۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەنئەنە بويىچە ئاياللارنىڭ فامىلىسىنىڭ ئارقىسىغا » ئوۋا»، «ئېۋا»، ئەرلەرنىڭكىگە » ئوۋ» ياكى » ئېۋ» قوشۇمچىسىنى قوشۇپ يازدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇ ھەقتە قىرغىزىستان ئەدلىيە مىنىستىرلىكى مەلۇمات بەرگەن بولۇپ، بۇنداق، فامىلىنى رۇسچىلاشتۇرۇش ئەھۋالى ئاممىۋى شەكىلدە يۈز بېرىشكە باشلىغان. بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەب يەرلىك ئاھالىلارنىڭ رۇسىيىگە بېرىپ ئىشلىشى ھەمدە ئۇ يەردە تۇرۇشى ۋە باشقا قولايلىق شارائىتلار ئۈچۈن ئىكەن.
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە مىللەتچىلىكنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، رۇسچە فامىلە قوللىنىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش خاھىشلىرى پەيدا بولغان ھەمدە بىر قىسىم دۆلەتلەردە بۇ ئىش مەلۇم دەرىجىدە ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، شۇ ۋەجىدىن كۆپلىگەن قىرغىزىستانلىقلار » ئوف ۋە ئوۋا » دېگەندەك رۇسچە قوشۇمچىلارنى تاشلىۋەتكەن ئىدى.
ھەتتا يېقىندا تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئىمامېلى راخمانمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى فامىلىسى راخمانوۋنىڭ ئارقىسىدىكى » ئوۋ» قوشۇمچىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «مەن راخمانوۋ ئەمەس راخمان» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. ھازىر، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان ئاھالىسىنىڭ تۆتتىن بىر قىسىمىنىڭ رۇسىيىگە ئىشلەشكە كەتكەنلىكى مەلۇمدۇر. (ئۈمىدۋار)