2008.01.24
بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ خەۋەر بېرىشىچە، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى جۈملىدىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خەلقئارا سەھنىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنى ھەر جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى ئىزھار قىلىشقان. تۆۋەندە سىلەر بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى ئاڭلايسىلەر.