2008.01.18

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەدلىيە ئەمەلدارى، رايوندا يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە 5 يىلدىن ئاز بولمىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەھبۇسلارنىڭ سانى ئاز دىگەندە 15 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى، 2007 – يىلى ئاپتونوم رايوندا كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغانلارنىڭ سانىدىن ئېىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بۇ سۆزلەرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمايىل، پەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىنىدا بەرگەن دوكلاتىدا تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇ مەزگىلدە ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۇددەتسىز ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانىنى 15217 دەپ ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يېقىنقى 5 يىلدىن بېرى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە چېتىلىدىغان دىلولاردىن 1003 دېلو بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ بۇ ۋەقەلەردە «مىللىي بۆلگۈنچى ھەم دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ خورىكى» زەربىگە ئۇچۇرىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن روزى، بۇ دېلولار ھەم جازاغا ئۇچرىغان شەخسلەر ئۈستىدە تەپسىلى توختالمىغان. ئۇ، «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە «ھىزبۇلتەقرىر» تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك دېلولار باشتىن – ئاخىرى جىنايى جازالار ئىچىدىكى ئېغىرىنىڭ ئېغىرى سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش، دۆلەتنى پارچىلاش، تېررورچى ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا كۈشكۈرتكۈچى قاتارلىق دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ياتىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ يولباشچى ۋە غۇللۇقئۈنسۈرلىرى» ئېغىر جازاغا تارتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىدا كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغانلارنىڭ سانىدىن ئىشىپ كېتىشى، خىتاي ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆتكەن يىلى 1 – ئايدىن باشلاپ ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلاش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. لېكىن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى خىتايدىن ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا ھەم ئۇيغۇر ئىلىدا سىياسى مەھبۇسلارغا خالىغانچە ئۆلۈم جازاسى بېرىش بىلەن ئەيىپلىمەكتە. (ئەركىن)