2008.01.18

ئۆز ئېلىنى، خەلقىنى ئىستىبدات مانجۇ ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلمىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە جەڭ قىلىپ قۇربان بولغان يەتتە قىزلىرىم ، پەقەت ئۇچتۇرپان خەلقىنىڭلا قەھرىمانى بولماستىن، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەرلىك، سولماس مىللەت روھى ۋە غۇرۇرنىڭ يۈكسەك سىموۋلى سۈپىتىدە يادلىنىپ كەلمەكتە. ئۇلار تىللاردا داستان بولۇپ ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئەركنىڭ قىممىتى ، ھاياتنىڭ قىممىتى ھەققىدە دەرس بولۇپ، ئىلھام ئاتا قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر مىللىي قەھرىمانلىرى جۈملىسىدىندۇر . ئۇچتۇرپان خەلقى ئۇلارنى ھازىرغا قەدەر يەتتە قىز ئەمەس بەلكى يەتتە قىزلىرىم دەپ ئالاھىدە مېھىر ھەم ھۆرمەت بىلەن ئاتايدۇ. قەبرىلىرىنى تاۋاپ قىلىپ گۈللەر ياپىدۇ. ئەپسۇس، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ئۇيغۇر قەھرىمان قىزلىرىنىڭ مەقبەرىلىرى زور بۇزغۇنچىلىقلارغا ئۇچرىماقتا . بۇ قىممەتلىك مەدەنىي يادىركارلىق ئورنى، ئۇلۇغ تاۋابگاھنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان كىم؟ سەۋەبى نىمە؟

بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەدىن مەلۇماتلار ئاڭلايلى.

yette-qizlirim.jpg
ئۈچتۇرپان ناھىيىسىگە جايلاشقان يەتتە قىزلىرىم مازىرى. شەخسى رەسىم

يەتتە قىزلىرىم مازىرى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىنىڭ مۆلچەر تاغ باغرىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان بولۇپ ، يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى ياغاچ رىشاتكا ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان . تارىخىي مەنبەلەردىن قارىغاندا بۇ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقى ۋە زۇلۇمىغا قارشى، مىلادى 1765 – يىلى 2-ئايدا ، ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن قوراللىق قوزغىلاڭ ( جىگدە يېغىلىقى ) قاتناشچىلىرىدىن ئايال پالۋان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ مەقبەرەسىدۇر . ئۇچتۇرپان خەلقى قوزغىلاڭ باشلامچىلىرى رەخمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ئېلىشىپ ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ ۋە قوزغىلاڭغا قاتناشقانلارنىڭ ئۇچتىن بىرى قىرغىن قىلىنىپ ، 10 مىڭدەك كىشى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بارلىق بالايى ئاپەت يۇرتتا قالغان قىزلارنىڭ بېشىغا كېلىدۇ . قىرغىنچىلىقتىن ئېشىپ قالغان بىر قىسىم ئەر -ئاياللار رەخمىتۇللا ۋە ئەسمەتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخاننىڭ ئەتراپىغا يىغىلىپ تاغ ، جىلغا ، ئورمانلىقلاردا يوشۇرۇنۇپ چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا داۋاملىق زەربە بېرىدۇ . مانا بۇ تارىختىكى » مايسىخان جېڭى «دۇر. ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى ھەققىدە ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامىمۇ ئۆزىنىڭ » تارىخىي ھەمىدى» ناملىق ئەسىرىدە مەلۇماتلارنى قالدۇرغان بولۇپ، بۇ ۋەقە جىگدە يېغىلىقى دېگەن نام بىلەن خەلق ئىچىدە رىۋايەت بولۇپ تارقالغان.

ئېيتىلىشىچە، ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭى باستۇرۇلغاندىن كېيىن، داۋاملاشقان مەزكۇر قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى 3 ئاي ئېلىپ بېرىلىپ ، مايسىخان بىلەن غۇنچە قىز باشچىلىقىدىكى يەتتە نەپەر قىز دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قېلىپ ئاخىرى تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەرتلەرچە قۇربان بولىدۇ .كېيىن كىشىلەر بۇ يەتتە نەپەر قەھرىمان قىزنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن مۆلچەر تېغىنىڭ غەربىي شىمالىغا » يەتتە قىزلىرىم مەقبەرەسى » نى ياسىغان ئىكەن . دېمەك يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى 3 ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئىزچىل تاۋاپگاھ ۋە زىيارەتگاھ بولۇپ كەلمەكتە ،

يەتتە قىزلىرىم ھەققىدىكى تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە ،شۇنداقلا بۇ يەتتە قەھرىمان قىز ھەققىدە خەلق ئارىسىدا تارقالغان رىۋايەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يەتتە قەھرىمان قىزلارنىڭ ئىسملىرى : مايسىخان ، غۇنچە قىز ، دىلبەر قىز ، زۆھرە گۈل ، قەمبەرنىسا ، گۇلئايىم ، ئەختەرنىسا بولۇپ خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەردە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاجايىپ گۈزەل تەرەپلىرى بارلىقى تەسۋىرلىنىدۇ. يەتتە قىزلىرىم ھەققىدىكى رىۋايەتلەر يىللاردىن بۇيان ئۇچتۇرپان خەلقى ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە. بەزى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىن مەلۇم بولغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ،گەرچە يەتتە قىزلىرىم مازىرى دائىرىلەر تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن بولسىمۇ مۇۋاپىق قوغدالمىغانلىقى سەۋەبلىك مەقبەرىلەرنىڭ بىر قىسىم جايلىرى بۇزۇلغاندىن باشقا ، بەزى زىيارەتچىلەرنىڭ مەقبەرىگە خالىغانچە قالايمىقان خاتىرە سۆزلەرنى يېزىشى ، جىجىشى بىلەن قەبرىلەرنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. بۇ خىل ئاڭسىز ھالدا قەبرە باشلىرىغا مەدەنىي يادىكارلىقلارغا خەت ئويۇش يەنى ئاڭسىز ھالدا ئىز قالدۇرۇش قىلمىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىدا ئومۈميۈزلۈك ئۇچراتقىلى بولىدىغان مەدەنىيەتسىز ساياھەتچىلەرنىڭ قىلمىشى بولۇپ ، ئاز بولمىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلار مۇشۇ سەۋەبتىنمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ كەلمەكتە.

مەزكۇر خەلق قەھرىمان قىزلىرى مەقبەرىلىرىنىڭ دەل ئۆز خەلقى يەنى بەزى ئۆزىنىڭ ھۆرمىتى ھەم سېغىنىشىنى نامۇۋاپىق ، نادانلارچە ئىپادىلەۋاتقان، ئاڭسىز ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى كۆپ ساندسىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن مەمەت توختى ئەپەندى ، يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ، بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەدىنىي يادىكارلىقلارنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرمىگەندىن باشقا خەلق ئۆزىنىڭمۇ قوغدىماي ئەكسىچە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىك تەرەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (گۈلچېھرە)