2008.01.16
ئامېرىكىدىكى بىر كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىك ۋە دىموكراتىيە ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتتا، 2007-يىلى خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سىياسى ئەركىنلىك خاتىرىسىدە چېكىنىش بولغانلىقىنى، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى خىتاينىڭ دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئەھۋالىدا ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالمىغانلىقىنى يازدى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن بۇ توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ.

خىتاي سىياسىي ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى بولمىغان ئەللەر ئىچىدە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت
ھۆرىيەت سارىيى ئامېرىكىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك كىشىلىك ھوقۇقى تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى 38 دۆلەتنىڭ ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە خاتىرىسىدە ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا چېكىنىش يۈز بەرگەن. دوكلاتتا، دۇنيا ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 36 % ى دېموكراتىيە ۋە سىياسىي ئەركىنلىك بولمىغان دۆلەتلەردە ياشايدىغانلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ يېرىمى خىتاي پۇقرالىرىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينى سىياسىي ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى بولمىغان ئەللەر ئىچىدە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت، دەپ ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، كىشىلەر خىتاي رەھبەرلىرىنى 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، بەزى سىياسىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پەرەز توغرا چىقماي، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سىياسىي ئىسلاھات ئورنىغا سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى، ئىنتېرنېت مۇخبىرلىرىنى، كىشىلىك ھوقۇقى ئادۋوكاتلىرىنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەپسەندە قىلغانلىقىنى يازدى. دوكلاتنىڭ خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە دائىر قىسمىدا » دىنىي – ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئاساسىي قانۇندا ئېتىراپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا ناھايىتى كام ھۆرمەت قىلىنماقتا……….. بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئوخشاش مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان جايلاردا ھۆكۈمەت تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى ئىسلامى تەشكىلاتلارنى باستۇرۇش، ئۇلارغا دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشنىڭ باھانىسى قىلىۋالدى » دەپ ئەسكەرتتى ھەمدە ئامېرىكا دۆلەت سېكرىتارىياتىنىڭ 2005 - يىلدىكى كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئەسلىتىپ، «شىنجاڭدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي پائالىيىتى، دىنىي تەلىم – تەربىيە ۋە ئىبادەت ئورۇنلىرىنى چەكلەش مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلماقتا » دەپ كۆرسەتتى.
بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى ھارپىسىدا باستۇرۇش كۈچەيدى
دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيىگە ئوخشاش دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك خاتىرىسى ئارقىغا چېكىنگەن بۇ دۆلەتلەردە، ئىقتىسادى گۈللىنىش ياكى ئېنېرگىيە بايلىقىدىكى ئۈستۈنلۈك بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمىگەن بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر «بازار ئىقتىسادى كۈچىنى سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى بېكىنمىچى ھالەتنى ئۈزلۈكسىز قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قوللانماقتا»ئىكەن. ھۆرىيەت سارىيى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا مىللىي ئاخبارات كۇلۇبىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ھۆرىيەت سارىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئانالىزچىسى كامىللا ئائىس، 2007 - يىلى خىتاي پۇقرالارنىڭ ئەركىنلىكىدىكى ئارقىغا چېكىنىش ۋەزىيىتىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ، » ئەمەلىيەتتە 2007 - يىلى خىتايدا سىياسى ئىسلاھات ۋە ئىقتىسادى ئېچىۋېتىش مەسىلىسى 1989 - يىلدىن بېرى ئەڭ ئاشكارا مۇنازىرە قىلىنغان بىر يىلدۇر. بۇ بىر يىلدا كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنىڭ پائالىيىتى، مەتبۇئات ۋە دېھقانلار ھەرىكىتى كۈچەيگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەرىكەتلەر ئىجتىمائىي مۇقىمسىزنىڭ مەنبەسى شۇنداقلا كومۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئامىللار سۈپىتىدە باستۇرۇلدى. بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا مەزگىلى بولۇپمۇ 2007 - يىلى ئۆكتەبىردىكى پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە ۋە ئالدىمىزدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا توغرا كەلمەكتە » دەيدۇ.
خىتاي بېرما، شىمالىي كورىيە ۋە ئافرىقىدىكى دىكتاتۇر دۆلەتلەرنى قوللاۋاتىدۇ
ھۆرىيەت سارىيىنىڭ دوكلاتىدا ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ سۆز ۋە ئىپادە ئەركىنلىكى چەكلىنىپ، پارتىيە ئىرادىسىگە خىلاپ خەۋەرلەرنى بەرگەن مۇخبىرلار زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، سەزگۈر سىياسىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە تەرەپسىز ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنى قۇرۇش چەكلىنىپلا قالماي، تور پونكىتلىرىنى ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرنى تەقىپلەپ، ئەدلىيە سېستىمىسى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى سەزگۈر دىلولاردا پارتىيە ھۆكۈم چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا يەنە ، خىتاي ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردە «مەسئۇلىيەتچان شېرىك» بولۇش ھەققىدىكى تەۋسىيىسىگە قارىماي، «ئېنېرگىيە ۋە تەبئىي بايلىقلار ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغانلا دۆلەت بولسا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئامېرىكا مىللىي ئاخبارات كۇلۇبىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ھۆرىيەت سارىيىنىڭ تەتقىقات درىكتورى ئارك پۇددىڭتون، خىتاينىڭ بېرما، شىمالىي كورىيە ۋە ئافرىقىدىكى دىكتاتۇر دۆلەتلەرنى قوللاۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ،»خىتاي بېرمىدىكى ھەربىي دىكتاتۇر ھاكىمىيىتىگە ناھايىتى زور ياردەمدە بولدى. ئۇلار يەنە شىمالىي كورىيە ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھىم قوللىغۇچىسىدۇر. ئافرىقىدا بولسا زىمبابۇۋىدىكى مۇگابى ۋە باشقا دىكتاتۇر ھاكىمىمىيەتلەرگە كېلىۋاتقان مۇھىم ياردەملەرنى خىتاي بېرىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ دېموكراتىيە مۇمكىنچىلىكى بار بۇ دىكتاتۇر دۆلەتلەرگە بەرگەن شەرتسىز ياردىمى، قەرز پۇلى ياكى سودا ئالاقىسى، دۇنيا بانكىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ دۆلەتلەردىكى خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش، دېموكېراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تىرىشچانلىقىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىۋاتىدۇ » دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي مىللىي ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا يېڭى چەكلىمىلەر قويدى
خىتاي 2001 - يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تالاشقاندا مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدا بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگەن ئىدى. لېكىن دوكلاتتا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىقى مەلۇم جەھەتلەردە خىتايدا دېموكراتىيىگە قارشى مۇھىت شەكىللىنىشكە تۈرتكە بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھۆرىيەت سارىيى،»رەھبەرلىك مىليونلىغان كىشىلەرنى ئولىمپىك ئەسلىھەلىرىدىن يىراق جايغا كۆچۈشكە مەجبۇرلىدى شۇنداقلا مىللىي ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا يېڭى چەكلىمىلەر قويۇلدى » دەيدۇ.