2008.01.15
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئومۇمى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قۇرۇلتاي رەئىسى ئابدۇرېھىم ھامىد ئەمەس، پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئامېرىكىدىكى ئوبزورچى سىدىقھاجى روزى بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا بولسا بۇ قۇرۇلتاي «مۇستەملىكىچى ۋاڭ لېچۈەننىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلامدۇ ياكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلامدۇ ؟ » دەپ سورىدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ سانى بۇرۇنقىغا قارىغاندا نىسبەتەن كۆپەيتىلگەن. سىدىقھاجى روزى بولسا بۇ ئەھۋالنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك يىغىنىدا ب د ت سىياسىي ھوقۇق ۋە پۇقرالار ھوقۇقى ئەھدىنامىسىنىڭ مۇزاكىرىگە قويۇلۇشىدىن بىشارەت بىرەمدۇ ؟ دەپ قارىماقتا.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.