2008.01.14
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى 13 - يانىۋار كۈنى 2 - قېتىم چوڭ يىغىن ئېچىپ ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇراجەتنامىسى ھەققىدە دوكلات بەردى .
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەھرىمان غۇجامبەردى ۋە ياشلار كومىتېتى باشلىقى ئابدۇرىشىت تۇردىلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن چاقىرىلغان يىغىندا سۆزگە چىققان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى رابىيە قادىر خانىمغا يېقىندىن ئەگىشىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشقا تولۇق ئىشەنچ تۇرغۇزغانلىقىنى ئىپادىلەشتى .
ئەمدى سىلەر ئالماتادىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللانىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلىرىنى ئاڭلايسىلەر .