«مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى» نىڭ خىتاي تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان پۇقرالىرىنى خىزمىتىنى تاشلاشقا بۇيرۇغانلىقى ھەققىدە بەرگەن باياناتى. 2020-يىلى 20-مارت.

بېيجىڭ دائىرىلىرى ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدا ئىشلەۋاتقان 7 نەپەر خىتاي پۇقراسىنى خىزمىتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغان.

«مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى» نىڭ جۈمە كۈندىكى باياناتىغا قارىغاندا، خىتاي تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى شەخسىي مۇلازىمەت ئورگىنى جۈمە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «نيۇ-يورك ۋاقىت» گېزىتى ۋە «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىدارىلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان خەۋەر ياردەمچىلىرىنى خىزمىتىنى تاشلاشقا بۇيرۇغان.

«مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى» باياناتىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى خەۋەر توپلاش خىزمىتىنى پۈتۈنلەي بىتچىت قىلىشقا بەل باغلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكنى ئېيتقان.

ئ‍ۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر ئاخبارات ئورگانلىرىدىكى خىتاي تىللىق ياردەمچىلەر خەۋەر توپلاش، ئىزدەش ۋە تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلگەن ئىكەن.

«ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى» خىتاينىڭ بۇ قاتتىق قول ۋاسىتىسىنىڭ مەزكۇر رادىيونىڭ خىتايدىكى خەۋەر توپلاش خىزمىتىگە ئوڭۇشسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي قانۇنىدا چەتئەل ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتايدىن بىۋاسىتە خىزمەتچى قوبۇل قىلىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇلار خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتا پەقەت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق شەخسىي مۇلازىمەت ئورگىنىغا تايىنىشقا مەجبۇر ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 17-مارت «ۋال سترېت ژۇرنىلى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» ۋە «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ 13 نەپەر مۇخبىرىنى خىتايدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.

بۇ، خىتاينىڭ ئامېرىكىلىق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنى تۇنجى قېتىم خىتايدىن قوغلاپ چىقىرىشى ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى دېكابىردا «باي كۆمۈركان ۋەقەسى» نىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى ئەمەسلىكىدە چىڭ تۇرغان فرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گۇيتېر خانىمنى خىتايدىن قوغلاپ چىقارغان.

خىتاي 2018-يىلى يەنە «بۇزفىد» تور گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ماگا راجاگوپالاننىڭ خىتايدا ئىشلەش ۋىزىسىنى يېڭىلاپ بەرمەي، ئۇنى خىتايدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىغان ئىدى.

ماگا خانىم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش ۋە تەقىبلەش سىياسىتى مۇپەسسەل بايان قىلىنغان «21-ئەسىردىكى ساقچى دۆلىتى» ناملىق ماقالىسى ئارقىلىق تونۇلغان مۇخبىر ئىدى.

 

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى