2007.11.22

ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۈنسېرى كەڭ تونۇلۇشى نەتىجىسىدە، نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشى كۈچىيىپ بارماقتا. گېرمانىيە زىيالىيسى كاترىن خانىم ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە ئايال بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، سەنئىتى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىگە قىزىققانلىقى سەۋەبلىك، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قىسىم تارىخى كىتابلارنى كۆرۈپ چىققان. كاترىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، سۆزىنى ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پاجىئەلىك تەقدىرىدىن باشلىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلىكلەر بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان كىتابلاردىن كۆرۈپ بىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

كاترىن خانىم قىرغىنچىلىقلاردىن ئەپسۇسلانغان

كاترىن خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ بۇندىن مىڭ يىللار ئىلگىرىكى دەۋرىگىچە مەركىزى ئاسىيادىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك مىللەتلەردىن بىرى بولۇپ تونۇلغانلىقىنى بىلىدىكەن. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىستىلاسىغا مەھكۇم بولغان زامانلاردىن بېرى كۆپ قېتىم قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر داۋام قىلىشىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. «تېخى ئىككى ھەپتە ئىلگىرىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە بەش نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلغانلىقىنى بۇنىڭ بىر دەلىلى»، دېدى.

ئۇ، ھەر خىل خەۋەر مەنبەلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇت ئەركىنلىكى ۋە ئۆز تىل – يېزىقىنى قوللىنىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ غەزەپلەنگەنلىكىنى، بۈگۈنكى مەدەنىيەت دۇنياسىدىمۇ بۇ قەدەر ياۋايى زوراۋانلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ھىچ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. كاترىن خانىم ئالدىنقى ھەپتە باۋارىيە تېلېۋىزىيە قانىلىدىن ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر خەۋەر كۆرگەن بولۇپ، بۇ خەۋەردە تەسۋىرلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى تۇرمۇشىدىن كۆپ بىئارام بولغان.

كاترىن خانىم بايلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت بەرمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغان

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ فىلىمدە ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگىچە بولغان كەڭ زېمىندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن. شۇنچە بىپايان، شۇنچە گۈزەل بىر زېمىندىكى ئىنسانلارنىڭ نامراتچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق ئىچىدە ھايات كۆچۈرىۋاتقانلىقى، يەر ئاستىدىكى بىھېساب تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ بۇ مىللەتنىڭ دەردىگە داۋا بولالمايۋاتقانلىقىنى، ئىچكىرى خىتايغا ھەقسىز ئېقىۋاتقان بۇ بايلىقلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنى سەمرىتىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى مۇستەملىكىسىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولىۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىنى قىستۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ پۈتۈن خىتايدىكى ئېنېرگىيىنىڭ 4/3 قىسمىغا ئىگە بولغان، 1 مىليارت 300 مىليون خىتاينى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەۋاتقان بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرىنىڭ شۇ تاپتىكى ھالىغا قاراپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ نەقەدەر رەھىمسىز ۋە ئادالەتسىزلىكىنىڭ بارغانسىرى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ فىلىمدە بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچىلىك نامراتلىقىغا قارىماي، ئىچكىرى خىتايدىن خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ سەلدەك ئېقىپ چىقىۋاتقانلىقى كاترىن خانىمنىڭ دىققىتىنى چەككەن يەنە بىر تېما بولغان. ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرى ۋە ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ بۇ كەلگۈندىلەر ئۈچۈن ئورۇن بوشىتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشكارە رەۋىشتە ھەر تەرەپتىن جىددىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ داۋام قىلىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

كاترىن خانىم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلىش مەسىلىسىگە دىققەت قىلغان

كاترىن خانىم؛ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى خىتايغا يۆتكەش مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھاشار ئەمگىكىگە سېلىنىش مەسىلىسى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆلۈم جازاسى مەسىلىسى، دىنىي رېجىم، پىلانلىق تۇغۇت نىقابىدىكى قىرغىنچىلىق، مىللىي تىل – يېزىقنىڭ چەكلىنىش مەسىلىسى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۇ ساھەدە تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

كاترىن خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىگە نەزەر سالىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ 2008 – يىللىق ئولىمپىككە قارشى پائالىيەتلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ساھەدە ھەر قايسى ئەللەردىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاينى ھەقىقى رەۋىشتە يەرگە قارىتىدىغان ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «2008 – يىلى پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرى خىتايدا ۋە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردە بولىدۇ. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى تونۇتۇشىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى،» دېدى. (ئەكرەم)