2007.11.16

ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئورىگېن شتاتى ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا كولون تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكىلەر يېڭىدىن بىر مايمۇننى ئۇتۇقلۇق ھالدا كولون قىلىپ چىققان.

شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، ئۇلار مايمۇننىڭ تېرىسىدىكى ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلىتىپ مايمۇننىڭ تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ نەتىجە كېيىنچە ئادەم ئۈستىدە شۇنداق تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنى ياراتقان.

بۇ يىل ئىيۇندا، ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ كولون تېخنىكىسىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىسى 18- ئىيۇندىن 22- ئىيۇنغىچە ئاۋسترالىيىنىڭ كارنىز شەھىرىدە ئېچىلغان، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى خەلقئارالىق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 5- نۆۋەتلىك يىغىنىدا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

ھازىر ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپ تەتقىق قىلىۋاتقان مەزكۇر تېما بىئولوگىيە ساھەسىدىكى ئىنتايىن نازۇك مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ خىلدىكى تەتقىقات تۈرىنى ئىنسانىيەت تەبىئىي كۆپىيىش پرىنسىپلىرىغا زىت دەپ، قارشى تۇرغۇچىلارمۇ خېلى كوپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش بۇ تەتقىقات تۈرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى توختاتقان ئىدى. (جۈمە)