2007.11.13

مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 13 – نويابىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا ھازىر توي قىلىش يېشىدىكى ئەرلەر ئوخشاش ياشتىكى ئاياللاردىن 18 مىليون ئارتۇق بولۇپ، بۇ خىل نوپۇستىكى جىنسىي نىسبەت تەڭسىزلىقى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا.

ئەگەردە خىتاينىڭ نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقى مۇشۇ خىل نىسبەتتە تەرەققىي قىلسا 2020 – يىلىغا بارغاندا، 20 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئەرلەر ‏ئاياللاردىن 30 مىليون ئارتۇق بولىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 12 – نويابىر خىتايدا ئېچىلغان يېزا نوپۇسى ۋە پىلانلىق تۇغۇت خىزمەت يىغىنىدا، ھازىر خىتايدىكى يېزا نوپۇسىنىڭ قىز بىلەن ئوغۇل نىسبىتى 122:100ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن ھەمدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ۋە خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى قالاق كۆز قارشى تۈپەيلى كېلىپ چىققان ھەمدە داۋاملىشىۋاتقان، جىنسىيەت تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنىڭ خىتايدا يەنىمۇ كۆپ ئەرلەرنىڭ ئۆيلىنەلمەسلىك، ئايال يېتىشمەسلىكتەك ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتكۈل خىتاينىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگىمۇ تەھدىت كۆرسىتىدىغان مۇرەككەپ بىر جىددىي مەسىلە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكا پارلامېنتىدا ئۆتكەن ئايدا ئېچىلغان خىتايدىكى ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى ھەققىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، خىتايدىكى ئادەم سودىسىدا بالىلار ھەم ئاياللارنىڭ ئاساسلىق زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقى شۇنداقلا قىز ئاياللارنىڭ يېزىلاردا مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا سېتىلىۋاتقانلىقىدەك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

مەزكۇر ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئاساسلىق ئىسپات بەرگۈچى بولغان رابىيە قادىر خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توي يېشىدىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنى مىليونلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە يۆتكىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلارنى ئېتنىك تازىلاش غەرىزى يوشۇرۇنغان ھەمدە خىتاينىڭ نوپۇس تەڭشەشتە قوللىنىۋاتقان مەقسەتلىك سىياسىي تەدبىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. (گۈلچېھرە)