2007.11.11

12-نويابىر كۈنى 1933-يىلى قەشقەردە ۋە 1944-يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خاتىرە كۈنىدۇر.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە جامائىتى تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلەش ئېلىپ بارماقتا. بەزى دۆلەتلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن بولسا، بىر قىسىم مەملىكەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن نۇتۇق سۆزلەش، تارىخنى ئەسلەش، بايراق چىقىرىش ھەم شېھىتلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈش قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن 11- نويابىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى يېنىدىكى فائىرفاكىس شەھرىدىكى ۋىرگىنىئا ئىجتىمائىي ئالىي تېخنىكومىنىڭ زالىدا جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇنىڭغا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاخىرلىشىشى قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەر بويىچە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلغاندىن سىرت يەنە شېھىدلەر ئۈچۈن خەتمە قۇرئان قىلىندى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدە زىيارەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن،گەرچە پائالىيەتكە قاتنىشالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ نۇتقىنى جامائەتكە يەتكۈزۈپ، ئۇلارنى ئەجدادلارنىڭ شانلىق ئىزلىرىنى ئۇنتۇپ قالماي، داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ، بىر نىيەتتە كۈرەش قىلىشقا چاقىردى.

رابىيە قادىر خانىم يەنە ياپونىيىدىن 12-نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى 12 -نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنى بىلەن تەبرىكلىدى.

12-نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنى تۈركىيە، گېرمانىيە، شىۋېتسىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ بىردەك ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرلار قىرغىز، ئۆزبېك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە سابىت داموللامنىڭ باش مىنىستىرلىكى ۋە خوجا نىياز ھاجىمنىڭ دۆلەت رەئىسلىكى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھاكىمىيەت 6 ئايدىن كېيىن سوۋېت-شېڭ شىسەي ئىش بىرلىكى نەتىجىسىدە ئاخىرلاشتۇرۇلغان.

لېكىن، ئارىلىقتا 11 يىل ئۆتۈپ، 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭى غەلىبە قىلىپ، ئېلىخان تۆرىنىڭ رەئىسلىكىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەسىس قىلىنغان. بۇ مۇستەقىل ھاكىمىيەت ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتتە بەش يىل مەۋجۇت بولۇپ، ئاخىرى 1949-يىلى 10-ئايدا ستالىن بىلەن ماۋ زېدوڭنىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)