2007.11.07

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ ياپونىيىدىكى شۆبىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم 7 ‏- نويابىر كۈنى توكيوغا يېتىپ بېرىپ، ئۈچ ھەپتىلىك ياپونىيە زىيارىتىنى باشلىدى.

رابىيە خانىم توكيو شەھىرىدە بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ›مەن بۇ قېتىمقى زىيارىتىم ئارقىلىق ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى كوممۇنىست خىتاينىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىمەن‹ دېدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە، رابىيە خانىم بۇ قېتىم ياپونىيىنىڭ 8 شەھىرىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ ۋە ياپونىيە پارلامىنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. (ۋەلى)