2007.11.06

ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتايدىكى ئاياللار ۋە بالىلار ئەتكەسچىلىكى توغرىسىدا ئېچىلغان ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا خىتاينى ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى.شۇنداقلا رابىيە قادىر خانىم يىغىندا خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات بېرىپ، » بىز قىزلار قۇللار ئەمگىكىگە سېلىنىپلا قالماي، جىنسىي مۇلازىمەتچى قىلىنىش يوشۇرۇن خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، دەپ قارايمىز » دېگەن ئىدى.

شۇنىڭدەك، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىت «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 16 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتى كەڭ كۆلەملىك «ئىرقىي تازىلاش» نىڭ بىر قىسىمى، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

بۈگۈن خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەمدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى ھەققىدىكى تەنقىدلىرىنى ئىنكار قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى باياناتچىسى ۋاڭ باۋدۇڭ «ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش جەريانىدا بەزى بىر زوراۋانلىق ھەم قانۇنسىز قىلمىشلاردىن ساقلىنالمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ دۆلەت سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز «دېگەن.

ئۇ يەنە » بەزى كىشىلەر مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە ھۆددە قىلىپ ئارىدىن پايدا ئالدىغان قىلمىشلارنى يوق دېيەلمەيمەن، چۈنكى مەسىلە مۇرەككەپ، شۇنداقتىمۇ بۇنى ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان دېيىشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتە مەخسۇس سىياسىتى ھەم چۈشۈرگەن سانى بار دېيىش تولىمۇ بىمەنىلىك، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدۇ.جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە رابىيە قادىرغا ئوخشاش بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ» دەپ بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەش سىياسىتى ئادەم ئەتكەسچىلىككە ياتامدۇ ؟ دېگەن مەسىلە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مارك لېيگون، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەش سىياسىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «مەلۇم سىياسىي پىلان» نىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئەسكەرتىپ، «ئەگەر سىز مەسىلىگە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا تەرەپلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بېيجىڭ، تيەنجىن، جياڭسۇ، چىڭداۋ، سەندۇڭغا يۆتكەپ، تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بايانلىرىغا بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە قارىسىڭىز، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىلگىرىلىگەن ھالدا كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىش سىياسىي پىلانىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ قالىسىز » دېگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2007 – يىلى فېۋرالدا، بۇ يىل ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى شۇنداقلا جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزىلاردىن يۆتكەشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. (گۈلچېھرە)