2007.10.26

ئۇيغۇر مىللي ھەركىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، گېرمانىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائاليەتچىلىرىمىز ئەنۋەرجان ۋە ئەسقەرجان بىلەن بىرلىكتە، تۈنۈگۈن كېچە مۇيېنخىندىن يولغا چىقىپ، سەھەر جەنۋەگە يېتىپ كەلدى.
رابىيە خانىم باشچىلىقىدىكى ئۆمەك، جەنۋەدە ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى، مۇساپىرلار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، رابىيە خانىم، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى، تۈركىيە، ئەرەبىستان ۋە پاكىستاندا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پانالانغۇچىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن دوكلات بەردى.
رابىيە خانىم، دۇنيا جامائىتىنىڭ دارفۇر، پەلەستىن ، ئىراقلاردىكى قېنى تۆكۈلۈۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ ھالىغا ئېتىۋار بېرىپ، قېنى شورۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىغا سۇس قارىشىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇر پانالانغۇچىلار ھەققىدە قارار بېرىش ھوقۇقىنى ب د ت نىڭ دۆلەتلەردىكى تارماق ئورۇنلىرىغا چۈشۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
كۆرۈشۈشتە، كومىتېتنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئارقىلىق تونۇغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئىش كۈن تەرتىپىگە تېزدىن كىرگۈزىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەخسۇس سىياسەتلەرنى چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سىدىقھاجى روزى ئەپەندىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.