2007.10.26
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، 24 - ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە سۆز قىلىپ، كۇبادا ھاكىمىيەت ئالمىشىش پۇرسىتىنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى، دېموكراتىيە تەرەپدارلىرىنىڭ بۇ پۇرسەتكە ھازىر ھالەتتە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
جورج بۇش سۆزىدە، كۇبادىكى مەۋجۇت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە، كۇبا خەلقىنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭالمايدۇ، ھاكىمىيەت بېشىدىن بىر دىكتاتور كېتىپ ئىككىنچى بىر دىكتاتور كەلسە، ئوخشاشلا كۇبالىقلارنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى، بۇ ئارقىلىق ئۇ كاسترونىڭ ھازىر ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش نىيىتى بارلىقىنى، بۇ خىل ئالمىشىشقا ئامېرىكىنىڭ قەتئىي قارشى مەيداندا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
جورج بۇش بۇ مەيدانىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ: كاسترو، سوتسىيالىزمنىڭ باغچىسى دەپ مەدھىيىلەۋاتقان كۇبا، ئەمەلىيەتتە، بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، بىز بۇندىن كېيىن كۇبا مەسىلىسىگە ئارىلىشىشتا، مۇقىملىقنى ئەمەس، ئەركىنلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمىز. بىز كونا تۈزۈمگە ئېسىلىۋالغان يېڭى رەھبەرنى قوللىمايمىز؛ يېڭى تۈزۈم دەپ كونا تۈزۈمنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇپ چىققۇچىنىمۇ قوللىمايمىز؛ مۇقىملىقنى دەپ، يېڭى دىكتاتورلار بىلەن ھەرگىز مۇرەسسە قىلمايمىز، - دېدى.
جورج بۇش كۇبادا ھاكىمىيەت ئالمىشىشقا ھازىر تۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، كۇباغا مەخسۇس » ئەركىنلىك مەبلىغى » تەييارلاش ئۈچۈن 100 مىليون دوللار پۇل ئاجىرىتىدىغانلىقىنى، ھاۋانا ھۆكۈمىتى قاچان پىكىر ئەركىنلىكى ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە يول قويۇش، كۆپ پارتىيىلىك ئەركىن سايلام تۈزۈمىنى قوبۇل قىلىش ئەمەلىيىتىنى كۆرسەتكەن ھامان، ئايرىلغان مەبلەغنى، كۇبادىكى كارخانىچىلارغا تارقىتىپ بېرىپ، كۇبانىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا ياردەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۇبا دۆلەت باشلىغى كاسترونىڭ سالامەتلىكىدە ئالدىنقى يىلى جىددىي ئۆزگىرىش بولۇپ، ئاشقازىنى ئوپىراتسىيە قىلىنغان ۋە بۇلتۇر 6 - ئايدا كۇبا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ھوقۇق ئۇنىڭ ئىنىسى لاۋ كاستروغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئىدى. جورج بۇشنىڭ بۇ قېتىمقى سۆزى يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە، كۇبا ھەققىدە قىلغان ئەڭ مۇھىم سۆز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (شۆھرەت ھوشۇر)