2007.10.15

كانادا «سادبارىي يۇلتۇزى» گېزىتى دۈشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىرغا خانىمغا ئوخشاش ئۆز خەلقىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان ياكى مىيا فارروۋ ۋە ئانجېلىنا جۇلىيدەك تىنچلىقپەرۋەر زاتلارغا بېرىلمەي، ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ئەل گورغا بېرىلگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

ماقالىدە «بىز نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ 2007 ‏- يىللىق مۇكاپاتنى ئەل گور ۋە ب د ت نىڭ ھاۋا كېلىماتى گۇرۇپپىسىغا بېرىش قارارىنى قوللىمايمىز……چۈنكى بۇلارنىڭ ھېچبىرى شەخسى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ باققان كىشىلەر ئەمەس. ئۇلار پەقەت ھەر كۈنى ئىشخانىسىدا ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قىلغان كىشىلەر » دەپ كۆرسەتتى. ماقالىدە مۇنداق دەيدۇ،» رابىيە قادىر تىزىملىكتىكى شەخس. ئۇ، ئۆز خەلقىنىڭ تېخىمۇ چوڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بايلىقى ۋە ئەركىنلىكىنى پىدا قىلىش خەتىرىگە تەۋەككۈل قىلغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىدە ياتقان ئۇيغۇر كارخانىچى ئىدى.»

ماقالىدە يەنە، «مۇكاپاتنى مىيا فاروۋ ۋە ئانجىلىنا جۇلىيغا ئوخشاش سەنئەتچىلەرگە بېرىشنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە بولماسمىدى ؟ » دەپ تەكىتلىگەن ۋە يەنە » ئۇلار بولمىدى دېگەندە دارفۇردىكى ئۇرۇش رايونلىرىغا بېرىپ باققان. بۇ ئەل گورغا ئوخشاش ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ، مۇز توپ كالتىكى ھەققىدە سۆزلەشكە ئوخشىمايتتى » دەيدۇ.

نوبىل كومىتېتى مۇكاپاتنى گور ۋە ب د ت ھاۋا كىلىمات گۇرۇپپىسىغا بېرىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى «دۆلەتلەردە ياكى دۆلەتلەر ئارىسىدا توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش يۈز بېرىشكە ئېلىپ بارىدىغان» مۇھىت ۋەيرانچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن، دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. لېكىن «سادبارىي گېزىتى» نوبىل كومىتېتىنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇلار » مەسىلىنىڭ نېگىزىنى چۈشەندۈرمەي، ئۆزىنىڭ قارارىنى ئاقلىدى » دەپ يازدى. (ئەركىن)