2007.10.11
2007 -يىللىق نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەر بۇيىچە تارقىتىلىدىغان مۇكاپاتى ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى .
87 ياشلىق ئەنگىلىيە ئايال يازغۇچىسى (Doris Lessing) 2007 -يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. دورىس لېسسىڭ 1919 - يىلى ئىراندا تۇغۇلغان، 5 يېشىدا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئافرىقىدىكى زىمبابوۋىگە كەلگەن. نامراتلىق تۈپەيلى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، 16 يېشىدىن باشلاپ، كاتىپ، بالا باققۇچى، شۇنىڭدەك ماشىنكىدا خەت ئۇرغۇچى ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ، يازغۇچى ئۆزىنىڭ بۇ دەۋرىنى» دوزاقتىكى تەنھالىق » دەپ تەسۋىرلىگەن.
دورىس لېسسىڭ 1949 - يىلى ئېرى گېرمانىيىلىك سىياسىي پائالىيەتچىGottfriend Lessing دىن ئايرىلىپ، ئەنگلىيىگە قايتىپ كېلىدۇ. 50 يىلدىن بۇيان ھېكايە، شېئىر ، نەسىر ، دراما ئەسىرى قاتارلىق ژانىرلاردا ئەسەر يېزىپ داڭ چىقارغان دورىس خانىمنىڭ ئەسەرلىرىدە ئاساسەن ئافرىقا ۋەزىيىتى، دۇنيا سىياسىتى، كوممۇنىستىك تۈزۈم ، ئەرلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان.
دورىس خانىمنىڭ » ئالتۇن دەپتەر»، » بىز ياشاشنى تاللىۋالغان تۈرمە»، » تېررورچى»، » بەشىنچى بالا » قاتارلىق رومان ۋە ھېكايىلىرى كىشىلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ.
نوبىل مۇكاپاتى 1901 - يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، فىزىكا ، خىمىيە، مېدىتسىنا ، ئەدەبىيات ساھەسىگە شۇنىڭدەك تىنچلىققا ھەسسە قوشقان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ ، ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىگە ئۆزىنى ئاتىغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم » نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ كۈچلۈك نامزاتى قىلىپ كۆرسىتىلمەكتە. (ئەقىدە)