2007.10.09
19-سېنتەبىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى ترېن فانكس قاتارلىق 33 نەپەر پالاتا ئەزاسى ئىمزا قويۇپ، خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چېن گۇاڭچېڭنى قويۇپ بېرىشكە قىستاپ ۋە خىتاينىڭ ۋەيران قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارىتا نەزەر ئاغدۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا مۇراجىئەتنامە يوللىغان.
مۇراجىئەتنامىغا ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن ترېنت فانكس، توم لانتوس، فرانك ۋولف، جوۋ پىتتس قاتارلىقلار ئىمزا قويغان.
مۇراجىئەت نامىدا مۇنداق دېيىلگەن: ”ياشاش ھوقۇقى بولسا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك تەرىپى بولۇپ، چېن ئەپەندىنىڭ شۇ خىل ھوقۇقنى تىنچ يوسۇندا قوغداش ھەرىكىتىنىڭ جازاغا تارتىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتىگە ئىنتايىن تۆۋەن ئۆلچەم قويىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرسە ۋە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېن ئەپەندى مەسىلىسىنى ھەل قىشتىكى چارىسىزلىقى، خىتايدا باشقا ئەقەللىي ئەركىنلىكلەرنىڭمۇ قەدىرسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ.“
چېن گۇاڭچېڭ 2006 – ئاۋغۇستتا ”قاتناش تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش“ جىنايىتى بىلەن 4 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ بولسا بىر ئەما كىشى بولۇپ، ھازىرغا كەلگۈچە خىتاينىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ دالدىسىدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئېلىپ بارغان مەجبۇرىي بالا ئالدۇرۇش، قىسىرلاشتۇرۇش قىلمىشلىرىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئاددىي كىشىلەرنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن چېكىنمەي كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.
كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتا 25 يىل ئىزچىل كۈرەش قىلىپ كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزاسى فرانكس ئەپەندى، كوممۇنىستىك مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ بېسىمى ئاستىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللار، بالىلار، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئەزەلدىن ھارماي خىزمەت قىلىپ كەلگەن.
ئۆتكەن بەش يىل مابەينىدە فرانكس ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بالىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كەلگەن ئىدى. (جۈمە)