2007.10.07
ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ياڭراق ۋە جەڭگىۋار ناخشا مۇزىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىدە تېگىشلىك ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن ، ناخشىچى ۋە كومپوزىتور كۈرەش كۈسەن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەرھۇمنىڭ سىڭلىسى مۇنەۋۋەر خانىم ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى بىلەن 6-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون يېنىدىكى فائىرفاكىس شەھىرىدە نەزىر ھەم ئىپتارلىق ئۇيۇشتۇردى.
مەرھۇمنىڭ بىر يىللىق خاتىرىلەش مۇراسىمىغا ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئەمەس بەلكى، نيۇيورك ۋە نىيۋ جېرسىي قاتارلىق شىتاتلاردىنمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ كېلىپ قاتناشتى. بۇ پائالىيەتتە مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىندى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئىجادىي پائالىيەتلىرى ۋە سىياسىي كۈرەش ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.
قەدىمىي كۇچانىڭ كۈسەن نامىنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلغان كۈرەش سۇلتان ئۆتكەن يىلى. 29 -ئۆكتەبىردە شىۋېتسىيەدە تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن 47 يېشىدا قازا قىلغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم كۈرەش كۈسەننىڭ ۋاپاتىنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن زور بىر يوقىتىش دەپ تەرىپلەش بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا قوشقان تۆھپىلىرىنىڭ ھېچقاچان ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
كۈرەش سۇلتان 1959-يىلى، ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، ياشلىق ھاياتىنى كۇچادا ئۆتكۈزگەن. ئىلگىرى كېيىن ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، بېيجىڭدىكى سەنئەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان.
ئۇ 1996-يىلى چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ، ئىلگىرى كېيىن تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن شۋېتسىيىگە كېلىپ يەرلەشكەن ، بۇ جەرياندا ئۇ بەش قىسىملىق » ئويغان تۈركىستان»نى ۋە «كۇچار ناخشىلىرى» ھەم باشقا ناخشا ئالبوملىرىنى چىقارغان، ئۇ، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى غەرب دۇنياسىغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم تۆھپە قوشقان ئىدى.
كۈرەش كۈسەن سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى رەئىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەپتىشى، شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان.(ئۈمىدۋار)