2007.10.04
1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە داۋاملاشقان ئىلى، ئالتاي ۋە تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ شاھىدلىرى بارغانسېرى ئازلىماقتا.
بۇلارنىڭ بىر قىسىملىرى ئۆز ئەسلىمىلىرى ئارقىلىق ياش ئەۋلادلارنى تارىخىي مۇساپىلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا دەۋەت قىلىپ، ئۇلارنى مىللەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە، ئەنە شۇلارنىڭ بىرى بىشكەكتە ياشاۋاتقان 80 ياشلىق ئىنقىلاب شاھىدى ئەخمەتجان مۇسلىم ئاكىدۇر.
ئەخمەتجان ئاكا، 1944-يىلى 9-ئايدا نىلقىدا ئىنقىلابقا قاتناشقان بولۇپ، غەنى باتۇر بىلەن بىرگە جەڭ قىلغان ھەم كۆپلىگەن ئۇرۇشلاردا بولغان. ئەخمەتجان مۇسلىم ئاكا 1955-يىلى قىرغىزىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، يەرلىشىپ قالغان.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئەخمەتجان ئاكا بىلەن ئېلىپ بارغان ئەسلىمە سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.