2007.10.03

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە خانىم خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى بولغان 1 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئەنگىلىيە ‏-تېبەت دوستلىرى بىرلەشمىسى ئويۇشتۇرغان يىغىنغا قاتنىشىپ، يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي بېسىم سىياسىتى ھەققىدە ئەھۋال تونۇشتۇرغان ئىدى.

بۈگۈن 10 – ئاينىڭ 3 ‏- كۈنى، رابىيە خانىم يەنە ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئويۇشتۇرغان يىغىندا، ئەنگىلىيىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى پالاتا ئەزالىرى ۋە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى. رابىيە خانىم ئۇلاردىن ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە خۇددى ئامېرىكىغا ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىنمۇ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى.

ھازىر رابىيە خانىم ئەنگلىيىدىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. (ۋەلى)