2007.10.03

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ زىيارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئەنگىلىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياستىنى تونۇشتۇرماقتا.
بۈگۈن 10 – ئاينىڭ 3 - كۈنى، رابىيە خانىم يەنە ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئويۇشتۇرغان يىغىندا، ئەنگىلىيىنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى پالاتا ئەزالىرى ۋە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى. رابىيە خانىم ئۇلاردىن ياۋرۇپا پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە خۇددى ئامېرىكىغا ئوخشاش كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو -تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىنمۇ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بېرىشنى تەشەببۇس قىلدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ بۇ ھەقتە رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.