2007.10.01
بۈگۈن 1- ئۆكتەبىر، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 58 - يىللىق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 52 -يىللىق خاتىرە كۈنى. بۈگۈن يەنە ، 1944 - يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىگە خاتىمە بېرىلگىنىگە 58 يىل بولغان كۈن. بۇ كۈن ئۇيغۇر سياسىي تارىخىدا زور بىر بۇرۇلۇش پەيدا بولغان كۈن. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن، بۇ كۈننى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللي ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى نامايىشقا تەشكىللىدى.
نامايىش ۋاشىنگتون، لوندون، ئوسلو، ئەنقەرە ، ميۇنخېن ،گائاگا، كالگارىي قاتارلىق شەھەرلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا داۋام قىلدى.يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى ئەنگلىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر مىللي ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم لوندوندىكى نامايىشقا ئىشتىراك قىلدى . ميۇنخېندىكى نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا يېتەكچىلىك قىلدى .
ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نامايىش جەريانىدا بەرگەن باياناتلىرىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بەخت-سائادەت ئەمەس بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. پاكىت سۈپىتىدە، بۇ 58 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ، %4 دىن %40 كە كۆپەيگەنلىكىنى؛ ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەر ئاستى- يەر ئۇستى بايلىقلىرىنىڭ، يەرلىك خەلققە قىلچىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزمەستىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۈزلۈكسىز توشۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ھوقۇقنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرى تەرىپىدىن تامامەن مونوپول قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتتى.
باياناتلاردا يەنە، ئۇيغۇرلارغا قارشى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ ،بۇ 58 يىل ئىچىدە، «ئەكسىلئىنقىلابچىلارغا قارشى تۇرۇش، يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش، مىللي بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇش، رادىكال دىنچىلارغا قارشى تۇرۇش ، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش» دېگەندەك ناملار بىلەن ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا، بۈگۈن ئۇيغۇر رايونىدا تەبرىكلىنىۋاتقان ئىككى بايرامنىڭ ئۇيغۇرلارغا تېڭىلغان ساختا بايرام ئىكەنلىكىنى پاش قىلدى. (شۆھرەت ھوشۇر)