2007.09.25

رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسى ۋە كەلپىن ناھىيىلىك جامائەت خەۋپژلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن ئاقسۇ شەھىرىدە ۋە كەلپىن ناھىيىسىدە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان تۇتۇش ھەرىكىتىدە ئاقسۇدىكى بىر ئائىلىدىن نۇرئەلى ئابدۇۋەلى، شىرئەلى ئابدۇۋەلى ۋە ئەنۋەر ئابدۇۋەلى ئىسىملىك قېرىنداشلار، ئەنۋەر ئابدۇۋەلىنىڭ ئايالى خەيرىنىسا ۋە 5 ياشتىكى ئوغلى ئىليار، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يېقىن تونۇشلىرى بولغان ۋارىسجان مامۇت، ئابلىمىت ۋە سەمەتلەر تۇتۇپ كېتىلگەن.
خەيرىنىسا ۋە ئوغلى ئىليار 12 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. لېكىن، قالغانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە ھازىر قايسى يەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم ئەمەس.
ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، ساقچىلار ئابدۇۋەلى ئائىلىسىنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇش جەريانىدا بەزى دىنىي كىتاپلارنى مۇسادىرە قىلغان . يۇقىرىدا ئىسىملىرى ئاتالغان كىشىلەرنىڭ تۇتۇلۇشى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى بىلەن، ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى باشلاتقان ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى سىلەرگە سۇنىمىز.