2007.09.18
17 -سېنتەبىر چۈشتىن كىيىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئېچىلغان يىغىنىدا ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىدىغان497- نومۇرلۇق قارار ئېلىندى.
مەزكۇر قارار ھەققىدىكى مۇنازىرە جەريانىدا ، ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمىس خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەجبۇرىي پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ » خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئېرقىي قىرغىنچىلىق شەكلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ ، پۈتۈن بىر مىللەتنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان » دەپ كۆرسەتتى.
ئاۋام پالاتا ئەزاسى كىرىستوفېر سىمس ئەپەندى تۈنۈگۈنكى يىغىن جەريانىدا يەنە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر پەرزەنتلىرىنى قويۇپ بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە » بىز بۈگۈن غەيرەتلىك ئەمما قەلبى چوڭقۇر ئازابقا تولغان بىر ئانىنىڭ ›بالىلىرىمنى قويۇۋەت‹ دېگەن نىداسىغا جۆر بولىمىز» دېدى.
دۈشەنبە كۈنى پالاتا ئەزالىرىدىن رۇس- لەھتىنېن خانىم، تام لانتوس ئەپەندى، ئىندىئان ۋەكىلى بۇرتون ئەپەندى،قاتارلىقلار تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا سۇنۇلۇپ ماقۇللانغان 497 – نومۇرلۇق قاراردا «ئاۋام پالاتا ئەزالىرى ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ۋە دىنىي ھوقۇقلىرىنى نەزەرگە ئېلىش ۋە ئۇلارغا چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش، رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىش ھەمدە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان نەزەربەند قىلىشنى دەرھال ئاياغلاشتۇرۇش ۋە كانادا پۇقراسى ھۆسەيىن جېلىلنى دەرھال قويۇپ بېرىپ ئائىلىسى بىلەن جەم قىلىش قاتارلىقلار تەلەپ قىلغان ئىدى.
نۆۋەتتە مەزكۈر قارار لايىھىسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئامېرىكا ۋە خەلىقئارا ئاخباراتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم يۇقىرى رەۋىشتە گەۋدىلىنىشىگە سەۋەب بولدى . بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇ قېتىم ئالغان مەزكۈر قارارىنى قىزغىن ئالقىشلاپ » بۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى ، ئانىمىز رابىيە قادىرنىڭ غەلبىسى شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە چوڭ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكى » دەپ باھا بەردى. (گۈلچېھرە)