2007.09.14

11 – سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئالتە يىللىقى دۇنيا مىقياسىدا خاتىرىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، پۈتكۈل مەتبۇئاتلار بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرى ھەققىدە ھەر خىل ئانالىزلار ئېلىپ باردى. گېرمانىيە دولقۇنلىرى رادىئوسىنىڭ 9 – ئاينىڭ 12 – كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلار «11 – سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ خىتايغا قانداق تەسىرى بولدى؟» دېگەن تېمىدا خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا راي سىناش ئېلىپ بارغان.

بەزى خىتايلار بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، خىتايدا «شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى» ئەزەلدىن مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئالاھىدە بىر تەسىر قوزغىغۇدەك دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يەنە بەزى خىتايلار 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش باھانىسى بىلەن، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ مىللىي داھىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم ۋە دالاي لامانى تېررورلۇق كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزىۋالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىز 2003 – يىلى 12 – ئاينىڭ 15 – كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تېررورچى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن 11 شەخىسنىڭ بىرى بولغان د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن، 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.(ئەكرەم)