نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، يېقىندا نورۋېگىيىنىڭ پايتەختى ئوسلودا قايتا سايلام ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مەزكۈر كومىتېتنىڭ رەھبەرلىك قۇرۇلمىسىدا تەڭشەش ئېلىپ باردى.
ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن مەلۇماتتىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تونۇتۇش، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئۆستۈرۈش بولۇپ، سايلام دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت، سايلامغا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قانچە ۋەكىلى نازارەتچى سۈپىتىدە قاتناشقان.
سايلامغا نورۋىگىيىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بولۇپ، 60 قا يېقىن كىشى قاتناشتى. سايلام ئەھلىنىڭ سايلىشى نەتىجىسىدە ئادىلجان ئەپەندى نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.
نورۋېگىيە گېرمانىيىدىن قالسا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ياشايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. نورۋېگىيە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم 2005 - يىلى نورۋېگىيىنىڭ رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن سىرت ، 2006 - ۋە 2007 - يىللىرى نورۋېگىيە نوبىل كومىتېتى تەرىپىدىن » نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتى» نىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلدى. (ئۆمەر قانات)