2007.08.19

15- ئاۋغۇست كۈنى ئۇزۇن مەزگىللىك ئېغىر كېسەلدىن كېيىن، 87 يېشىدا ۋاپات بولغان سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ مايور دەرىجىلىك ئوفىتسېرى، 1949-يىلىدىن كېيىن ئۆمۈر بويى خىتاي ئارمىيىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ، گېنېراللىق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان زاھىر ساۋدانوفقا تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى 17-ئاۋغۇست كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ئۇچۇر تورى ھېسابلىنىدىغان» تەڭرى تاغ » تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۇ بوشۇڭ، لەنجۇ ھەربىي رايون قوماندانى ۋاڭ گو شېڭ ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭلېچۈئەن شۇنىڭدەك خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىدە ئەمەل تۇتۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىسمائىل ئەمەت، ئابلەت ئابدۇرېشىت ۋە تۆمۈر داۋامەت ھەم باشقا نەچچە ئونلىغان خىتاي ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبىرىي شەخسلىرى ماتەم مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان ھەم گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلغان.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، زاھىر ساۋدانوفقا » سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ ئىلغار ئەزاسى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئىلغار سىياسىي خىزمەتچىسى» دەپ باھا بېرىلگەن. لېكىن، چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قىسىم سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرىنىڭ باھاسى باشقىچە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ساۋدانوف گەرچە مىللىي ئارمىيىنىڭ ئوفىتسېرى بولسىمۇ، لېكىن 1949-يىلدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلغانلىقى، مىللىي مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ئىدىيىلىرىگە قارشى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ كۈرەش قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز دەرىجىسى ئۆسۈپ، ئېتىبار بېرىش ھەم ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلىشكە ئېرىشكەن. ئەمما، باشقا يۈزلىگەن، ئۆز يولىدىن ۋاز كەچمىگەن ئوفىتسېرلار ھەم جەڭچىلەر، مەسىلەن، پولكوۋنىك ئابدۇغوپۇر سابىر ھاجى، ئىلدىرىم، راخمانوف قاتارلىقلار بولسا ئېتىپ تاشلانغان ھەم جازالارغا يولۇققان.

ساۋدانوفقا 1955-يىلى ماۋزېدۇڭ تەرىپىدىن گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن بولۇپ، شۇ قاتاردا مىللىي ئارمىيە پولكوۋنىكلىرىدىن زۇنۇن تېيىپوف ، مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف، مەرغۇپ ئىسھاقوپ قاتارلىقلارغىمۇ گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۈچ كىشى كۆپ تەنقىد ۋە جازالارغا دۇچ كەلگەن ئىكەن. زۇنۇن تېيىپوف بىلەن مەرغۇپ ئىسھاقوف قازاقىستانغا كېتىپ، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ ۋاپات بولغان بولسا، ئىمىنوف 70-يىللاردا شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى بىلەن باغلىنىپ جازالانغان ھەمدە سىرلىق تۈردە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن.

ساۋدانوف مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۇرۇش مۇساپىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان » ماناس دەرياسىدىن قايتىش»، » بەشىنچى كورپۇسنىڭ مۇساپىلىرى» قاتارلىق ئەسلىمە خاراكتېرلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ساۋدانوف ھەم ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ھەر خىل ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا.(ئۈمىدۋار)