2007.08.10

13 – نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى ماكېدونىيەنىڭ ئوخرى شەھىرىدە داۋام قىلماقتا. ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەرگە ۋاكالىتەن بۇ قۇرۇلتايغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر 8-ئاينىڭ 10-11-كۈنلىرى 4 گۇرۇپپىغا ئايرىلىپ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە بەزى قارارلارنى چىقاردى.

سىياسىي مەسىلىلەر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلگەن قارارلار

سىياسىي مەسىلىلەر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىپ بېكىتىلگەن قارار مۇنداق باشلىنىدۇ: » بىز تۈرك دۇنياسى ياشلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئۆز- ئارا ھەمكارلىق ئىچىدە ھەل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. شۇڭا بىز سىياسىي مەسىلىلەر گۇرۇپپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۆۋەندىكى قارارلارنى چىقاردۇق.»

1. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەقلىق داۋاسى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇريىتىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىمبارگونىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى ئۈچۈن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىلىش.

2. ئامېرىكىدا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى رابىيە قادىر خانىم ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتى دەرھال توختىشى كېرەك. ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ بېسىم سىياسىتىنىڭ توختىشى ئۈچۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ دېپلوماتىك جەھەتتىن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى قارار قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىك سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش قارار قىلىندى.

3. خىتاينىڭ بېسىمىدىن قېچىپ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلمەسلىكى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەش.

4. تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنىڭ ئاياقلىشىشى ئۈچۈن ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيەتلىرىگە ئىلتىماس قىلىش.

5. ئىران نۇپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپىنى تەشكىل قىلغان ئازەرى تۈركلىرىنىڭ ئۆز تىل – يېزىقىنى ئىشلىتىشىگە ئىران ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رۇخسەت بېرىلمەيۋاتىدۇ. ئىراننىڭ ئىراندىكى تۈركلەرگە ئۆز تىلىنى ئىشلىتىش ھەققىنى بېرىشى ئۈچۈن خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى ۋەزىپىگە چاقىرىش قارار قىلىندى.

سىياسى ئىشلار ۋە تىل – ئەدەبىيات گۇرۇپپىلىرى چىقارغان قارارلار

سىياسى ئىشلار گۇرۇپپىسى چىقارغان بۇ قاراردا، رۇسىيە فېدىراتسيونى، ئىراق، ئىران ۋە مولدوۋىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان تۈركلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بېسىم ۋە ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىمۇ ئەيىبلەنگەن.

تىل ۋە ئەدەبىيات گۇرۇپپىسىنىڭ قارارىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ماددىلارغا يەر بېرىلگەن بولۇپ، قارارنىڭ 7 – ماددىسىدا 2008 – يىلىنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى، دەپ ئېلان قىلىش ھەققىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ياۋرۇ ‏- ئاسيا يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن 2008 – يىلىنىڭ مەھمۇت قەشقىرى يىلى، دەپ ئېلان قىلىنىشى قارار قىلىنىپ، بۇ رامكا ئىچىدە 2008 – يىلىدا پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردە مەھمۇت قەشقىرىنى ئەسلەش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش قارار قىلىندى.

قارارنىڭ 20 – ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئوخشاش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللى مائارىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سىياسىتىگە قارشى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش قارار قىلىندى.»

تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى باشلىقى ھەسەن ئەلى قاراسار ئەپەندىنىڭ سۆزى

13-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى قۇرۇلتىيىنى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى ياشلىرى قۇرۇلتىيى باشلىقى ھەسەن ئەلى قاراسار ئەپەندىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزۇتۇپ، بۇ قۇرۇلتايدا ئېلىنغان قارارلارنىڭ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە تۈرك ھۆكۈمىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى : «بۇ ، بىزدىن داۋاملىق سورۇلۇۋاتقان سۇئاللاردىن بىرى. لېكىن ، تۈركىيەدە ۋە شەرقىي تۈركىستاندىن بالقانلارغىچە بولغان پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەردە ئاممىۋىي تەشكىلات ئۇقۇمىنى خەلق ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. قۇرۇلتىيىمىز پەقەتلا ھۆكۈمەتلەرگە تەۋسىيە قىلىدۇ، ئۇنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقى يوق. قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىرى تۈرك دۇنياسىدىكى 60 ئەتراپىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ مەسئۇللىرى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزى تەشكىلاتلارنىڭ يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار. بۇ تەشكىلات تۈرك دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. بۈگۈن ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ رولى بەك چوڭ. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بۇ قارارلارنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە بېرىپ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىشتىن ئىبارەت. بىز بۇنى قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز.» (ئەركىن تارىم)