2007.08.10

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۇچار ناھىيىسىدىكى مەشھۇر ئىسلام ئۆلىماسى، مۇددەرىس ۋە جامائەت ئەربابى سىدىق قارى ھاجىم، جۈمە كۈنى يۇرتىدا ۋاپات بولغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا سىدىق قارى ھاجىم، جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن پېشىن بىلەن ئەسىر ئارىلىقىدا ۋاپات بولغان بولۇپ، جىنازا نامىزى شەنبە كۈنى ئەتىگەندە چۈشۈرۈلمەكچى ئىكەن.

رايوندىكى تور بەتلەردە چىققان بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە مەرھۇمنىڭ ۋاپات بولۇش سەۋەبى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن مەرھۇمنى يېقىندىن تونۇيدىغان زاتلار، سىدىق قارى ھاجىمنىڭ 90 ياشلارغا يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. سىدىق قارى ھاجىمنىڭ شۆھرىتى ئۇنىڭ فىقھىي ئىلىمىدىكى كامىللىقى بىلەنلا ئەمەس، دىنىي مەكتەپ ئېچىپ تالىپلارنى تەربىيىلەش، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىنىي سىياسىتىگە قارشى ئۆكتىچىلىكى ۋە ئۇ يېتىشتۈرگەن تالىپلارنىڭ ئىسيانكارلىقى بىلەن مەشھۇردۇر.

ئۇ كۇچارنىڭ ساقساخ دېگەن جايىدا بىر مەسچىتكە ئىمامەتچىلىك قىلىش جەريانىدا بىر مەدرىس ئاچقان ۋە شۇ يەردە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەدرىسنى تاقىۋەتكىچىلىك مۇددەرىسلىك قىلىپ، نۇرغۇن تالىپلارنى تەربىيىلىگەن ئىدى. ئۇ تەربىيىلىگەن تالىپلار ئىچىدىكى ھىمىد تالىپنى خىتاي ھۆكۈمىتى 1994 -يىلى ئۈرۈمچىدە خېلىل ئالتۇن ۋە مەمەت يۇنۇسلار قاتارىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئېتىپ تاشلىغان.

كۇچارنىڭ 4 – رايون قوناس كەنتلىك ھەسەن قارى، سىدىق قارى ھاجىنىڭ بارېن ئىنقىلابىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان تالىپلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ تۈرمىدە خىتاي ساقچىلار تەرىپىدىن قېيىن قىستاقتا ئۆلتۈرۈلگەن. سىدىق قارى ھاجىنىڭ ۋاپاتى، كۇچار ناھىيىسىدىكى دېھقانلارنىڭ قىزلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىگە ئەۋەتىشكە نارازى بولۇپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە ئەرىز قىلىپ بارغان ۋە بۇ ۋەقە خىتاينى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن مەزگىلگە توغرا كەلدى. (ئەركىن)