2007.08.09
خىتاي 3 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاقسۇ شەھىرى بىلەن كۇچار ناھىيىسىدە ئىككى چوشقا بېقىش بازىسى قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدى.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۈر چوشقا بازىلىرى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چوشقا بازىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ياپونىيە، ياۋرۇپا ۋە سىنگاپۇر قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چوشقىچىلىق بازارلىرىنى تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.
خەۋەردە يەنە، 2010 - يىلغىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە 500 مىڭ تۇياق چوشقا يېتىشتۇرۇلىدىغانلىقى، چوشقا گۆشى مەھسۇلاتىنى 35 مىڭ توننىدىن ئاشۇرۇلىدىغانلىقى ۋە چوشقا مەھسۇلاتى قىممىتى 600 مىليون يۈەنگە يەتكۈزىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى، چوشقىنى ھارام دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ خىل ھايۋانلارنى بېقىشنى خالىمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنى چوشقا بېقىشقا مەجبۇرلىغاندىن سىرت، ھەتتا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتگاھى بولغان مەسچىتلەردە چوشقا بېقىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەر ،خىتاينىڭ نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىدە چوشقا ۋە ئىشەك يېتىشتۈرۈش بازىلىرىنى قۇرۇشى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماي، ئۇلارنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتىگە قىلىنغان ھۇجۇم ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. (ئەقىدە)