2007.08.08
بۈگۈن 8 - ئاينىڭ8 -كۈنى بېيجىڭدە ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا دەل بىر يىل قالغان كۈندە، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى خەلقئارالىق كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۇيۇشتۇردى.
بۇ نامايىشتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە 2008 - يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدە ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش، خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويۇش ھەققىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەسلەتتى. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى بەرگەن ۋەدىلەرنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا، ئۇنى دەرھال ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا چاقىردى.
بۇ نامايىشقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ۋە ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار قاتناشتى. (ۋەلى)