2007.07.31
ئۇيغۇر ئېلى نۆۋەتتە خىتاي بۇيىچە ئەيدىزنىڭ يامراش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولۇۋاتقان رايون. شۇنداقلا يېقىنقى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئەيدىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 15 شەھەر ھەم ئوبلاست - ۋىلايەت ۋە 83 ناھىيە ، يېزا - بازارلىرىغىچە يامرىغان . شۇنداقلا ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەنىلا ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدۇ . خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ يامرىشىنى كونترول قىلىشتا دىندىن باشلاپ قول تىقمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولۇپ ،خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى مەخسۇس سىياسەت چۈشۈرۈپ ،ئۇيغۇر ئېلى دىنىي ھەم مىللىي ئىشلار ئورگانلىرىنى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشقا سەپەرۋەر قىلغان. ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ھەم مىللىي ئىشلار كومىتېتلىرى مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ چۈشۈرگەن بۇ بۇيرۇقىغا قانداق ئەمەل قىلماقچى ؟
ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن جىددىي ۋەزىيەتتە
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، يەنى 2007 – يىلى 3 – ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 19مىڭ 202 نەپەرگە يەتكەن. مۇشۇ بۇيىچە تەخمىنى ھېسابلىغاندا ئەمەلىي يۇقۇمدارلار يۈز مىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىدىكەن. نۆۋەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۇلۇڭ -پۇشقاقلىرىغىچە تارالغان بولۇپ، جەمى 15 شەھەر ، ئوبلاست - ۋىلايەت ھەمدە يەنە 83 ناھىيە ھەم يېزىلاردىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بايقالغان .
بولۇپمۇ ئۈرۈمچى ھەمدە غۇلجا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئەڭ كۆپ بايقالغان شەھەرلەر بولۇپ 7000دىن ئاشىدىكەن ، ئۇنىڭدىن قالسا ئاقسۇ ھەمدە قەشقەر ئىكەن. تەڭرىتاغ تورىنىڭ 17 – ئىيۇلدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ، خىتاي بۇيىچە ئەيدىز ئەڭ كەڭ تارقالغان تۆتىنچى رايون بولۇپ ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بولغان ئەيدىزلەر سانى خىتايدا مەلۇم بولغان ئەيدىزلەرنىڭ % 10نى تەشكىل قىلىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2006 – يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا ئۈنۈملۈك چارە - تەدبىر قوللانمايدىكەن 2010 – يىلىغا بارغاندا خىتايدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 10 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى .
شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى جۇڭگودا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىسىتىراتېگىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، تەڭرىتاغ تور بېتىدە بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ، مەزكۇر ئىستىراتېگىيە ئىچىگە ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا مىللىي ھەمدە دىنىي ئىشلار ئورگانلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، يېقىندا مەركىزى ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي ھەم دىنىي ئىشلار نازارىتىگە مەخسۇس سىياسەت چۈشۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى مىللىي ھەم دىنىي دائىرىلەرگە مەخسۇس سىياسەت چۈشۈردى
7 - ئاينىڭ31 – كۈنى ئۇيغۇر ئېلى دىنىي ھەم مىللىي ئىشلار ئورگانلىرى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرغان ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 15 شەھەر ، ۋىلايەت ھەم ئوبلاستىلىرىدىن ۋە 98 ناھىيە - بازارلىرىنىڭ دىنىي ھەم مىللىي ئىشلار ئورگانلىرىدىن كەلگەن جەمئىي يۈزدىن ئارتۇق مۇناسىۋەتلىك كادىرلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتناشتۇرغان.
خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي ئىشلار كومىتېتى دىنىي ئېتىقاد باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتكوم سېكرىتارى ليۇ نىڭ مەزكۇر كۇرسانتلارغا قىلغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە : دىنىي ۋە مىللىي ئىشلارغا مەسئۇل كادىرلارغا ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ھەققىدە كۇرس ئېچىش ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جىددىي ئەيدىز ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىپ ئەيدىزنىڭ يەنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە يامرىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە كونترول قىلىشتا يولغا قويغان تەدبىرى بولۇپ ، كۇرسانتلاردىن يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەيدىزنىڭ يامرىشىنى كونترول قىلىشتا ئاز سانلىق ئېتىقادچى ئاممىغا تەشۋىق تەربىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىش ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، ئۆزىنى قوغداش ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىكتىن يىراق تۇرۇش ، ھاياتنى قەدىرلەپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تۆھپە قوشۇپ ، ئىناق جەمئىيەت يارىتىشقا يېتەكلەش تەلەپ قىلىنىدىكەن.
كېسەلنى يوشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا
ئىلگىرى ئاڭلاتقان مەلۇماتلىرىمىزدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى گەرچە خىتاي بۇيىچە ئەيدىز تارقىلىش تېزلىكى ئەڭ جىددىي بولۇۋاتقان جاي بولسىمۇ ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنى كونترول قىلىشتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمايۋاتقانلىقى شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر ئەيدىزلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ، ئۇلارنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىدىغان بىرەر مەخسۇس دوختۇرخانىنىڭمۇ قۇرۇلمىغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق .
شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردا دىنىي ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشىنىڭ ئۇيغۇرلاردا ئەيدىز ھەمدە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يامرىشىغا يول ئاچقانلىقىنى شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ھەمدە دىنىي سورۇنلاردا تەشۋىق تەربىيە ئېلىپ بېرىشنىڭ زەھەر ھەم ئەيدىزنى چەكلەشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى قاتتىق باستۇرۇپ ھەم چەكلەپ كەلگەن ئىدى .
نۆۋەتتە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئىشلار دائىرىلىرىنى يەنى دىنىي تەشۋىقاتنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئورۇنغا قويۇشى ،كوممۇنست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادنىڭ رولىنى ھەم ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىمۇ ؟ خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى شۇنداقلا ئۇنىڭ كۈنسايىن يامراۋاتقان ئەيدىز تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتا ئوينايدىغان رولىغا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ قانداق باھالار بېرىۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ، بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. (گۈلچېھرە)