2007.07.09

مەركىزى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتى، ئۇيغۇر سودىگەر ۋە پائالىيەتچى ئوسمان ئالىخاننىڭ پاكىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن راۋالپىندىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئېھتىمالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، ئوسمان ئالىخان خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 25 – ئىيۇندا پاكىستان دائىرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا پاكىستاندىن تۇتۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان 20 كىشىلىك تىزىملىكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، خىتاي ئەدلىيە سېستىمىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى يوقلۇقىنى، ئەگەر ئوسمان ئالىخان خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، ئۇنىڭ تەن جازاسى ۋە ھەر خىل كەمسىتىشكە ئۇچراش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. باياناتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، » ئەگەر ئالىخان ئەپەندىم خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلسە، ئۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقى شۈبھىسىز » دەپ كۆرسەتتى. رابىيە قادىر خانىم يەنە، پاكىستان دائىرىلىرىنى «خەلقئارا پرىنسىپلاردىكى ئۆتكۈزۈپ بەرمەسلىك قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئوسمان ئالىخاننى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك» كە چاقىردى.

ئوسمان ئالىخان، ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ 2006- يىلى 8- ئايدىن 9 – ئايغىچە ئىسلامئابادتىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئالدىدا ھەج ۋىزىسى تەلەپ قىلىپ ئېلىپ بارغان نامايىشىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى زاتلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ، بۇنىڭدىن 2 ئاي بۇرۇن تۈركىيىدىن پاكىستانغا تىجارەت ئىشى بىلەن كەلگەندىن كېيىن قولغا ئېلىندى. (ئەركىن)