2007.07.04

3 ‏- ئىيول كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي دائىرىلىرى تېلېۋىزىيە ‏- تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ قانۇنغا خىلاپ ئادەم ئىشلىتىشنى تۈزەش ھەققىدە ئىككى ئاي داۋام قىلىدىغان مەخسۇس ھەرىكەت باشلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

دېھقان ئىشلەمچىلەر ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ‏- مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداش توغرىسىدا سۆزلىگەن ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ نازىرى غەيرەت ھەسەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ئېتىراپ قىلىپ » نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئەمگەك كاپالەت تۈزۈمى يەنىلا يېتەرلىك مۇكەممەللىشىپ كېتەلمىدى، … بولۇپمۇ يېزىلاردا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان قانۇنغا خىلاپ ئادەم ئىشلىتىش مەسىلىلىرىنى قانۇن بۇيىچە نازارەت قىلالمايۋاتىمىز » دېدى.

خىتاي تور بەتلىرى مەزكۇر يىغىندىن ئىككى كۈن ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسى يېڭىمەھەللە يېزىسىدىن 180 نەپەر ئىشلەمچى دېھقان ياشلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى جياخۇڭ كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەش ئۈچۈن ئېلىپ كىتىلگەنلىكىنى ھەمدە بۇ ناھىيىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدىغان 5000 نەپەر ئىشچىنىڭ 2000 نەپىرىنى يولغا سالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن كۆرۈشكەندە شۇنداقلا 3‏ – ئىيول كۈنى ئاقسارايدا لورا بوش خانىم بىلەن ئۇچراشقاندا ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنىڭ بىر شەكلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. (جۈمە)