2007.06.26

6 – ئاينىڭ 24 – كۈنى د ئۇ ق نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمھالىنىڭ نەشردىن چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇرلار ميۇنخېن شەھرىدە تەنتەنىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى ئابلىكىم ئىدرىس ئەپەندى، قۇرۇلتاي باش كاتىپى، ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىنفورماتسىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل قارىقاش ئەپەندىلەر يېتەكچىلىكىدىكى يۈزدىن ئارتۇق ئۇيغۇر جامائىتى قاتناشتى. پائالىيەت مۇقەددىمىسىدە، ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى پىكىر بايان قىلىپ، بارلىق ئۇيغۇرلارنى رابىيە قادىر خانىمنى پۈتۈن كۈچى بىلەن يەنىمۇ قوللاشقا چاقىردى.

قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ئۇيغۇر جامائىتىگە رابىيە قادىر خانىمنىڭ قولغا كەلتۈرگەن بۈيۈك نەتىجىسى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ غەرب سىياسىي سەھنىسىدە زور تېمىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ تەرجىمھالىنىڭ گېرمانىيىنى لەرزىگە سېلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

گېرمانىيىدىكى بۇ پائالىيەتنى تەشكىللىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەقسىدى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى ۋە د ئۇ ق نىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ چاقىرىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.(ئەكرەم)