2007.06.18

خىتاي ئالىملىرى، ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ ،دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ قۇملۇق -تەكلىماكان چۆللۈكىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇلار ئويلىغاندىنمۇ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەرشارى ۋاقتى تور بېتىدە 17 ئىيۇن كۈنى بېرىلگەن خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى ئالىملار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا جايلاشقان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۆمرىنىڭ 5.3 مىليون يىل ئىكەنلىكىگە ئائىت ئىسپاتلارنى بايقىغان.

2002-يىلى خىتاي ئالىملىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۆمۈرى 3.5 مىليون يىل بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشقان ئىدى.

بۇ نۆۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشىشتە، خىتاي ئالىملار يەنە قۇم ئۆرنىكى ئۇستىدىن ئانالىز ئېلىپ بارغان. شىنخۇا ئاخبارات تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا، تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلگەن قۇم ئۆرنىكى بۇندىن 65 مىليون ئىلگىرى شەكىللەنگەن سېلوزوئىك ئېراسى قۇم قاتلىمىدىن ئېلىنغان ئىكەن. (جۈمە)