2007.06.12
مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدىكى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى 12- ئىيۇن كۈنى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى » دۆلەت مەخپىيەتلىكى» دېگەن ئۇقۇمنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشكە چاقىردى.
خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى شارون ھام، دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، » خىتاي خەلقئارا جامائەتنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئەزاسى بولۇشنى خالايدۇ. بېيجىڭنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىشتىكى ئاساسلىق نىشانىمۇ، خەلقئارا جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ھەم دۆلەت ئىچىدە ھەم دۆلەت سىرتىدا كىشىلىك ھوقۇققا ھۈرمەت قىلىشى كېرەك» دېدى.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن مەخپىيەتلىك قانۇنىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن شارون ھام، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلەر قانۇنلار، خىتاي كومپارتىيىسىگە «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» نىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ، كۆرسەتتى.
باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1999- يىلدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنى ۋە 1998- يىلى ئۇيغۇر تارىخچىسى توختى تۇنىيازنى قولغا ئېلىشتا » دۆلەت مەخپىيەتلىكى» ئۇقۇمىدىن پايدىلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن شارون ھام، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان يولدىشىغا گېزىتتە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنى ئەۋەتكەنلىكى ئۈچۈنلا، سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، ئالاھىدە ئەسكەرتتى. (ئۆمەر قانات)