2007.06.11

ئالبانىيە خەلقى، 10 ئىيۇن ئالبانىيەدە زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنى ئىنتايىن قىزغىن قارىشى ئالدى. يولنىڭ چىراغ تۈۋرۈكلىرىگە ئامېرىكا ۋە ئالبانىيە بايراقلىرى ئېسىلغان بولۇپ، قوللىرىدا ئامېرىكا بايراقلىرى ۋە «ئالبانىيە بۇشنى قارىشى ئالىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈشۈپ مىڭلىغان ئامما بۇشنى كۈتۈۋېلىشقا چىققان.

ۋاشىنگىتون پوچتىسى گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئالبانىيە خەلقى بۇشنى خۇددى بىر قەھرىماننى قارىشى ئالغاندەك قىزغىنلىقتا كۈتۈۋالغان. بۇشقا دۆلەت «بايراق مېدالى» بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلغان.

پرېزىدېنت بۇشمۇ ئۆزىنىڭ كوسوۋا مۇستەقىللىقنى قولاش ئىدىيىسىنى قايتا تەكىتلەپ , «پات يېقىندا سىلەر چوقۇم, بولدى بەس- كوسوۋا مۇستەقىلدۇر، دەيسىلەر» دېدى.

كوسوۋا مۇستەقىللىقىنىڭ ۋاقىت چېكى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا پرېزىدېنت بۇش، » ۋاقىت چېكى مەسىلىسىگە كەلسەك، ۋاقىت چېكى چوقۇم بېكىتىلىشى كېرەك. بۇ چوقۇم يۈز بېرىش كېرەك» دېدى.

ئۇ يەنە، «بۇ يەردىكى مەسىلە، بىز ئاللىقاچان بىر قارارغا كېلىپ بولغان بىر ئىشتا يەنە ئايىغى چىقماس دىئالوگلار ئېلىپ بېرىش ياكى بارماسلىق. بىز كوسوۋا چوقۇم مۇستەقىل بولۇشى كېرەك دەپ قارايمىز» دەپ تەكىتلىدى. ئەمما , رۇسىيە كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسىگە ئىزچىل قارىشى تۇرۇپ كەلمەكتە.

1999 – يىلى ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) بىرلەشمە ئارمىيىسى سېربلارنىڭ كوسوۋالىق ئالبانلارغا قاراتقان ئىرقى تازىلاش ھەرىكىتىگە قارىشى جەڭ ئېلان قىلغان ۋە سېربلارنى كوسوۋادىن قوغلاپ چىقارغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كوسوۋادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تىنچلىق ساقلاش ئارمىيىسى تۇرىۋاتىدۇ.

بۇش ئالبانىيىدىكى 8 سائەتلىك زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ سوفىيەگە قاراپ يۈرۈپ كەتكەن . (جۈمە)