2007.06.05

چېخ جۇمھۇرىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا كىشىلىك ھوقوق ۋە دېموكراتىيە يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 5 – ئىيۇن كۈنى شۇ دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ۋە ئۇنىڭ خانىمى لورا بۇش بىلەن كۆرۈشتى.
بۇ رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۇنجى قېتىم پرېزىدېنت بۇش بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
رابىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىش بولغان بولۇپ ، پرېزىدېنت بۇش سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق مەسىلىسى ھەم دېموكراتىيە مەسىلىلىرى ئۈچۈن ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇشنىڭ خانىمى لورا خانىم ۋاشىنگتونغا قايتقاندا رابىيە خانىم بىلەن قايتا كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى قىزغىن كەيپىياتتا بىلدۈرگەن .
جورج بۇش گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سانائەتلەشكەن سەككىز دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ33 – نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىش سەپىرىدە چېخ جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولماقتا ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرتكىسى ھەمدە ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن 2005 – يىلى3 – ئايدا خىتاي تۈرمىسىدىن ئازاد قىلىنىپ ئامېرىكىدىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولغان ئىدى.(گۈلچېھرە)