2007.06.01
رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى داڭلىق گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلدى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق » ۋال ستىرىت ژورنىلى » گېزىتىنىڭ 30-مايدىكى سانىدا بىر پارچە ئوبزور ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە «خىتاي ھۆكۈمىتى پەقەت خەلقئارا ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىقلا، دۇنيادا ئېتىبارلىق بىر دۆلەت بولالايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
رابىيە خانىم ئوبزورىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ چەت ئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىي پائالىيەتلىرىدىن ئىنىتىقام ئېلىش ئۈچۈن ئالىم ئابدۇرېھىم، ئابلىكىم ئابدۇرېھىمدىن ئىبارەت ئىككى ئوغلىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، خىتاي سوت دائىرىلىرىنىڭ ئادالەتسىزلىك قىلغانلىقىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا بېيجىڭ رەھبەرلىرىنىڭ خىتايدىكى ئىنسان ھوقۇقلىرىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ پۈتۈنلەي رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى شەرھلەيدۇ.
ئۇ، يەنە ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىنىمۇ تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ كانادا پۇقرالىقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقى شۇنىڭدەك خەلقئارا قانۇنىي ئۆلچەملەرنى بۇزۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىدۇ.
بۇ رابىيە خانىمنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەزكۇر گېزىتتە ئېلان قىلغان ئىككىنچى ماقالىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقارماقچى بولىۋاتىدۇ
خىتاي مەتبۇئاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى چىقىرىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرگە قارشى تەدبىر ئالماقچى بولىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ تېخى خىتاي دۆلەت كابىنېتى ياكى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقىغا تاپشۇرۇلمىغانلىقى مەلۇم، ئەمما ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مۇتەخەسسىسلەر ھازىر بۇ قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورىزمنى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرىغا چۈشۈرۈپ ئەيىبلىگەن بولۇپ، خىتاينىڭ تېررورچىلىق ھەققىدىكى تەبىرى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدە مەلۇم دەرىجىدە پەرقلەر مەۋجۇت. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى خىتايدا پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا تېررورىزم بىلەن ئەيىبلىنىپ، جازالىنىۋاتقانلىقى، ئەگەردە خىتاي بۇ قانۇننى قوبۇل قىلسا، ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر قىسمەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئىنتېرنېت مەسىلىسى ھەققىدە خىتاينى يەنە ئەيىبلىدى
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېچىلغان خىتايچە تور بەت بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەكرار تاقىۋېتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتايدىكى مەتبۇئات ئەركىنلىكى جۈملىدىن مۇخبىرلار مەسىلىسىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە.30 - ماي كۈنى، خەلقئارا چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا نىسبەتەن نارازىلىق بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى بلوسېر ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن؛ «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئۇلار بىزنىڭ تور بېتىمىزنى تاقىۋىتىشتە، ھېچقاچان بىزگە خەۋەر قىلمىدى. بۇ خىل زوراۋانلىق ۋە قانۇنسىز قىلمىش كىشىنى بەكمۇ غەزەپلەندۈرىدۇ.»
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش ھوقۇقى تەشكىلاتىمۇ خىتاينىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتلەرگە بېرىشىنى توسقانلىقىنى تەنقىد قىلغان .
بېيجىڭ ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئەرزدارلىرىنى تۇتقۇن قىلدى
رادىئو ئىستانسىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، 30 – ماي كۈنى بېيجىڭدىكى ماجالۇغا جايلاشقان خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەرزدارلارنى كۈتۈۋېلىش زالىدا ئەرز قىلىش ئۈچۈن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئارتۇق ئۇيغۇر نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان ئىدى.
بۇ ئەرزدارلار تاماق مەسىلىسىدە خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقاندىن كېيىن، شۇ كۈنى نەچچە يۈزلىگەن ساقچى كېلىپ ئۇلارنى تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن.
بەزى ئىنكاسلارغا قارىغاندا، ئەرزدار ئۇيغۇرلار ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ يارىدار قىلىنغان. لېكىن، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ۋەقەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن.
قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيە » قىرغىزىستاننىڭ گۈزەل كېلەچەك فرونتى» نىڭ باشلىقى فېلىكس قۇلوف، 30 - ماي كۈنى قىرغىزىستان ن ت ب تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق تۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىشكەكتە ئېچىلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ قۇرۇلتىيىدا مەزكۇر پىكىرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.
فېلىكس قۇلوف قىرغىزىستاننىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيىسى بىلەن كونفېدېراتسىيە تۈزۈمى ئاساسىدا بىرلىشىشى ئەمما، ئۇنىڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
فېلىكس قۇلوف بۇ سۆزنى ئېيتىشتىن ئىلگىرى پرېزىدېنت باقىيېف قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقىنى قۇرۇش ئىدىيىسىنى قوللىغان ئىدى.
چېن شۈيبيەن يەنە تەيۋەن مۇستەقىللىقى ھەققىدە توختالدى
29-ماي كۈنى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى تېلېۋىزىيە يىغىنى چاقىرىپ تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.
يىغىنغا ئامېرىكا تەرەپتىن بىر كېڭەش پالاتا ئەزاسى، سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرى قاتناشتى. چېن شۈيبيەن سۆزىدە تەيۋەن مۇستەقىللىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى چوقۇم كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭغا جاۋابەن خىتاي تەيۋەن ئىشخانىسى ، تەيۋەن دېموكراتىيە -ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ ›تەيۋەن نورمال دۆلەت‹ دېگەن باياناتىغا قارشى ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ ›تەيۋەن مۇستەقىللىقى تەۋەككۈلچىلىك‹ دەپ تەنقىد قىلدى.
تۈركىيىدە يايلاق فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە تۈركىي خەقلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۈملىدىن سەنئىتىنى ئاساسىي تېما قىلغان پائالىيەتلەرنى ئەڭ كۆپ ئۆتكۈزىدىغان مەملىكەت.
25- 26-ماي كۈنلىرى تۈركىيىنىڭ ئىغدىر ۋىلايىتىدە ئاغرى تېغى كورخان يايلىقى فېستىۋالى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ فېستىۋالغا، تۈركىيىدىكى داڭلىق سەنئەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئەزەربەيجان، تاجىكىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن سەنئەتچىلەر تەكلىپ قىلىندى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى نامايەن قىلغان. (ئۈمىدۋار).