2007.05.20

20-ماي كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ساھىپخانلىقى ۋە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ قوللىشى ئاستىدا» جۇڭگو – شىنجاڭ 2007 – يىللىق ئوتتۇرا – غەربىي ئاسىيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مۇنبىرى» دەپ ئاتالغان ئۇچرىشىش بولۇپ ئۆتتى. بۇنىڭغا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادىكى 10 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 40 نەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى لى يى سۆز قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، پائالىيەتكە خىتاي مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات ئىدارىسى، شىنخۇا ۋە بىر قىسىم ئۆلكىلەرنىڭ ئاگېنتلىقلىرى شۇنىڭدەك خىتاينىڭ مەركىزىي ئاخبارات ئىشلىرىغا موسۇل مۇھىم ئەربابلىرىمۇ قاتناشقان.

ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ پائالىيەت ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن باشقا يەنە رۇسىيە، ئىران، تۈركىيە قاتارلىق ياۋرو – ئاسىيادا تەسىرى بار دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى جەلپ قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇ پائالىيىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ھەمدە شەرقىي ياۋروپا بازارلىرىنى ئېچىشىدىكى ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامىغا ئايلانغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تىل، مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەت جەھەتلەردە يۇقىرىدىكى رايونلار بىلەن ئوخشاشلىققا ھەمدە تارىختىن بېرى چوڭقۇر مۇھەببەتكە ئىگە بولۇپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى خىتاي دائىرىلىرى سىياسىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بولغان مەدەنىيەت يېقىنلىقى ۋە ئورتاقلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسا، مانا ئەمدى تاشقى سىياسەت ۋە ئىقتىسادىي پايدا ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ھەم غەربىي ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن بولغان كۆپ جەھەتلەردىكى ئوخشاشلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تاكتىكىسى قوللانماقتا ئىكەن. (ئۈمىدۋار)