2007.05.15

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم 15 ‏- ماي كۈنى ئامېرىكىنىڭ بوستۇن شەھىرىگە ، بېرىپ ماساچۇسسىت تېخنىك ئىنىستىتۇتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلىدى .

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،شۇ كۈنى كەچ سائەت 7 دە باشلىنىدىغان يىغىنغا مەزكۈر ئىنىستىتۇتتىكى تەشكىلات مەسئۇللىرى ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن . رابىيە قادىر خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى ۋە بالىلىرىنى قانداق جازالىغانلىقى ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئېتىقادىنى قانداق دەپسەندە قىلغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە جانلىق پاكىتلار بىلەن دوكلات سۆزلەيدىكەن ، شۇنداقلا لىكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىكەن .

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى لىكسىيە سۆزلەش يىغىنىنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ، ماساچۇسسىت تېخنىك ئىنىستىتۇتى ئاممىۋىي مۇلازىمەت مەركىزى ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئادالەت پروگراممىسى ھەمدە مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان .

رابىيە قادىر خانىمنىڭ بوستۇن شەھىرىدىكى پائالىيىتى چارشەنبە كۈنى يەنە داۋاملىشىدىكەن . (مېھرىبان)